نۇقتىلىق تۈر قۇرۇشلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىتىلدى، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش مۇددىتى چىڭ تۇتۇلۇپ سۈرئەت قوغلىشىش ئارقىلىق، بىر قىسىم نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى كۆزلىمىدىن ئېشىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇش كۈچەش باسقۇچىغا كىردى.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ ئاۋتېلەيسى مەدەنىيەت-ساياھەت، ئۆرپ-ئادەت كوچىسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار گۈركىرەپ مەشغۇلات قىلىۋاتقان، ئىشچىلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. «تەلەپكە ئاساسەن، بىز 1-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى 10-ئايدا تاماملاشقا تىرىشىمىز» دېدى بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىسى خې يۈ.
بۇ يىل، باي ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھەت يانداش ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى زورايتتى. نۆۋەتتە، قىزىل مىڭئۆي ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى تۈرىنىڭ ئۆگزىنى يېپىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، مىڭئۆي تام سىزمىلىرى كەنتىدىكى بىردىن 15 كىچە بولغان ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، قىزىل خۇڭشىلىن ساياھەتچىلەر مەركىزى ۋە ئۇيسۇن قەدىمىي يولى ساياھەتچىلەر ئۆتىڭىدە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قىلىنماقتا.
باي ناھىيەسى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ سىمىڭ مۇنداق دېدى: «تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتتۇق. نۆۋەتتە، ئومۇمىي تۈرنىڭ %60ىنى تاماملىدۇق».
ئىككى كۈندىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ سۇنى ئېلېكترولىزلاپ ھىدروگېن ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش خادىملىرى ئەڭ ئاخىرقى كۆرسەتكۈچلەرنى ئۇلاش، قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى رېمۇنت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تاماملاش خىزمىتىنى ئىشلەپ، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ يېشىل ھىدروگېن شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى فاڭ خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، تۈرنىڭ ئومۇمىي سۈرئىتى %90كە يېتىپ، ئاساسىي گەۋدىسىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى تەخمىنەن 618 مىليون كىلوۋات سائەتكە، يىللىق يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يېتىپ، يىللىق قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد مىقدارى 480 مىڭ توننا ئازىيىدۇ.