دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2023 ـ يىللىق يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:18:03

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2023 ـ يىللىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مۇناسىۋەتلىك لايىھە، پىلان، ئىشلارنى كېڭىشىش قائىدىلىرىگە قاراپ چىقىلىپ، ۋىلايىتىمىزدە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەتلىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ـ قىلالماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكار ھالدا نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە «10 بىر تۈركۈم»دىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەر كىتابخانىسىدىن 101نى قۇردى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ھەم جۇڭخۇا مىللىتى كۆرۈش ئوبرازىغا ئىگە 12 قۇرۇلۇش تۈرىنى تاللاپ تۇرغۇزدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش تۈرىدىن 463نى ئالغا سىلجىتىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت سەرخىل ئەسەرلىرىدىن 43نى ئىجاد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ ۋىلايىتىمىزدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجادچانلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىلىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، «ئوزۇقلاندۇرۇش» ئۇسۇل ـ ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئورۇن بېكىتىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاش، يۇقىرى توغرىلىقتا ئالغا سىلجىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ئادىل ئەلى، گو تاۋ، لو مېييىڭ، چاڭ يۈشۈەن، ئەمەرجان ئىمىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش