ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 5 مىليون 900 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.11 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن يارىتىلغان كىرىم 3 مىليارد 465 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.68 ئاشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقسۇنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت داڭقى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەبىئىي مۇھىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ماركىلىق مۇسابىقىدىن پايدىلىنىپ، «مۇسابىقە + ساياھەت»نىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.
4 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى پائال ھەرىكەتلەندى، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئەتىيازنى باش تېما قىلغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ مەنزىرىلەرنى سەيلە قىلىش، ئويناشقا جەلپ قىلدى. 4 ـ ئايدا، ۋىلايەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 782 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.36 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىكتىن يارىتىلغان كىرىم 1 مىليارد 82 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.79 ئاشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش