دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:15:25

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 5 ـ ئايغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزنىڭ 2021 ـ ۋە 2022 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىدە ئىش باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى، تاماملاش نىسبىتى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى، سېلىنمىنى تاماملاش نىسبىتى، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدا ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇر بىردەك شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم مەبلەغ مەنبەسى، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدىكەن. ۋىلايەت مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ قېلىپلىق يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ھەقىقىي يېتەكچى قىلىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.

2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، ۋىلايىتىمىزگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى جەمئىي 486 سېلىنما تۈرى، 6 مىليارد 554 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 33 مىليارد 236 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولغان، بۇ تۈرلەر دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى، كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يانداشما ئەسلىھەلىرى، جەمئىيەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر ساھەسىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 2021 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرى 238، مەبلەغ 3 مىليارد 311 مىليون يۈەن بولۇپ، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ 16 مىليارد 407 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى؛ 2022 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرى 248، مەبلەغ 3 مىليارد 243 مىليون يۈەن بولۇپ، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ 16 مىليارد 829 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، نىشاننى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تۈرلەرنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى سىجىل، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈمى، نىشان ۋەزىپىسىنى پەسىل بويىچە تەقسىملەپ، ھەر ئايغا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېرىم ئاي ئارقىلىق بىر ئاينى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاي ئارقىلىق پەسىلنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەسىل ئارقىلىق يىلنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېلىنما پىلانىنىڭ  ئىجرا قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش