دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى چارلاش يولىدا بېرىلگەن ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:13:50

     ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ جۈنەن)

باش يازدا، تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسى ھېلىھەم ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، سوغۇق شامال جاندىن ئۆتەتتى؛ ساقچى ئۆتۈكى بىلەن يىغىلىپ قالغان قارغا دەسسەپ ماڭغاندىكى غاچ ـ غاچ قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى يامانسۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى سەھەر قۇياشىنىڭ تۇنجى نۇرى چۈشۈشى بىلەنلا، چېگرانى چارلاش يولىغا ئاتلاندى. شۇ كۈنى، چارلاش قوشۇنىنى يېتەكلەپ ماڭغان مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى ۋاڭ جيەنگودىن باشقا خەلق ساقچىلىرى زىممىسىگە بىر «مەخپىي ۋەزىپە»نى يۈكلىگەن ئىدى.

ساقچىخانىدىن جۇڭگو ـ قىرغىزىستان 3 ـ نومۇرلۇق چېگرا تېشىغىچە بولغان 70 نەچچە كىلومېتىرلىق چېگرانى چارلاش يولىدا، خەلق ساقچىلىرى قاقاسلىق، جىلغىلاردىن ھالقىپ، مۇزلۇقتىن ئۆتۈپ، يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىزلىكتىن ھالقىپ، قار ـ مۇزلۇق يول، توققۇز ئايلانما قاتارلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەچكە، ھەر ۋاقىت مۇرەككەپ مۇھىت ۋە يوشۇرۇن خەۋپكە دۇچ كېلەتتى.

ساقچى ئاپتوموبىلى ئەگرى ـ بۈگرى تاغ يولىدا سىلكىنىپ مېڭىۋاتاتتى، ئىككى تەرەپتىكى تاغ باغرىدا توپلىشىپ يۈرگەن جەرەن ۋە سۇغۇرلار پات ـ پاتلا پەيدا بولۇپ قالاتتى... ئىچكىرىلەپ ماڭغانسېرى، سارغۇچ مەنزىرە بارا ـ بارا ئاققا ئۆزگەردى. توققۇز ئايلانمىلىق تاغ يولىغا چىققاندا، يىغىلىپ قالغان قار بەك قېلىن بولغاچقا، ئاپتوموبىل داۋاملىق ماڭالماي، خەلق ساقچىلىرى پىيادە مېڭىشقا باشلىدى.

قېلىن قارغا پۈركەنگەن تاغ يولى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن ناھايىتى تەستە ئالغا ئىلگىرىلىدى. ھەر قېتىم خەتەرلىك يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ۋاڭ جيەنگو قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ كۆپچىلىككە يول ئىزدەيتتى، قار بەك قېلىن بولغاچقا، مۇز قاتلىمى ۋە تىك قىيانى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى، ئۇ كۆپچىلىككە ئاستا مېڭىشنى، ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ ئۆتۈشنى ئەسكەرتەتتى.

قار ـ شىۋىرغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختىتالمىدى، نەچچە سائەت جاپالىق يول يۈرۈش ئارقىلىق، چۈشتىن بۇرۇنقى چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان كۆپچىلىك ئاخىرى ئارام ئالدى. تاغ باغرىدا، ئۇلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئوچاق ياساپ چۆپ پىشۇرۇپ يېمەكچى بولدى. بىر ئويمان يەرنى تاللاپ، چۆرىسىگە تاش تىزىپ ئوچاق ياساپ، قازانغا توشقۇچە قار سېلىپ قاينىتىشقا باشلىدى. ئېگىزلىكتە سوغۇق كۈچلۈك بولغاچقا، ھەر تەرەپتىن شامال ئۇرۇپ تۇراتتى، سۇ قاينىتىشمۇ تەس ئىدى. ۋاڭ جيەنگو قەغەز يەشىك پارچىسىنى تېپىپ كېلىپ ئوتنى يەلپۈتتى، سۇ قاينىغاندا خەلق ساقچىلىرى ئېلىۋالغان تەييار چۆپلىرىنى قازانغا سالدى، تەييار چۆپنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى.

«تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن...» خەلق ساقچىلىرىغا ئاش ئۇسۇپ بېرىۋاتقان ۋاڭ جيەنگونىڭ كەينىدىن تۇيۇقسىز تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ياڭرىدى، ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈشى بىلەن، سەپداشلىرى قولىدىكى «مۇز تورت»نى ئۇنىڭغا سۇندى، تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئىشتىن ۋاڭ جيەنگو ھەيران قالدى ھەم تەسىرلەندى.

ئەسلىدە شۇ كۈنى ۋاڭ جيەنگونىڭ 37 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. سەپداشلىرى ئۇنىڭ دەل شۇ كۈنى كۆپچىلىكنى باشلاپ چېگرانى چارلاشقا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، «مەخپىي ھەرىكەت» قىلىپ، ۋاڭ جيەنگونى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىشنى پىلانلىدى. ئارام ئالغاندا، سەپداشلارنىڭ دالدا قىلىشى بىلەن، خەلق ساقچىسى تەن جېڭ بىلەن ئادىل «شۇ يەردىلا خۇرۇچ تېپىپ»، قاردىن «مۇز تورت» ياسىدى.

چېگرا تېشى ئېتىكىدە، قارلىق تاغ ئارىسىدا، سەپداشلىرىنىڭ چىن ھېسسىياتى سىڭگەن تۇغۇلغان كۈن تىلەكلىرى ۋاڭ جيەنگونىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. مۇشۇ پەيتتە، خەلق ساقچىسى جاڭ شياڭشياڭ ۋاڭ جيەنگونىڭ سىچۇەندىكى ئايالى ۋە ئوغلى ئالدىن سىنغا ئېلىپ ۋاڭ جيەنگوغا ئاتاپ تىلەك تىلىگەن سىن كۆرۈنۈشىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.  ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئاڭلاپ، ۋاڭ جيەنگو كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالدى.

دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى چارلاش يولىدا، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئۆزگىچە تۇيغۇ، «تۇغۇلغان كۈن تورتى» ئۆزگىچە تەم، تۇغۇلغان كۈن تىلەكلىرى ئۆزگىچە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. ۋاڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: چېگرانى ساقلاۋاتقان 18 يىلدىن بۇيان، بۈگۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزدۈم، سەپداشلىرىمنىڭ مېنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىپ، ماڭا بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت، مەن ئىش ئورنۇمدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سەبداشلىرىم بىلەن بىللە ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى ياخشى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش