ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مۇساپىدە كۈرەش قىلىش» باش تېمىسىدىكى 2023 ـ يىللىق ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى 5 ـ، 6 ـ ئايدىكى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيىنى پۇرسەت قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى باش تېمىسىدا تەشۋىقات كۆرگەزمىسى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىدىكەن.
ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى كۆرسىتىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرىدۇ
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەرنى ئىزدەش پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشقان، ئەمگەك قىلىش روھى، كۈرەش قىلىش روھى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، ئىجادكارلىق روھى، ئىقتىسادچىل ـ تېجەشچانلىق روھىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم ئائىلە تىپلىرىنى تاللاپ تۇرغۇزىدۇ، تەشۋىق قىلىدۇ. ئائىلە تىپلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياخشى سۆزلەپ، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئۆزگىرىشلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىنى يەتكۈزۈپ، كەڭ ئائىلىلەرنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئائىلە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.
ئېسىل ئائىلە ئىستىلى تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرىدۇ
دۇەنۋۇ بايرىمى قاتارلىق ۋاقىت تۈگۈنىدىن پايدىلىنىپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» باش تېمىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىپلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، سەييارە كۆرگەزمە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، ماقالە قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئائىلە ئىستىلى ھېكايىلىرىدىن ئورتاقلىشىش ۋە ئائىلە مەدەنىيىتى پائالىيىتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرىدۇ. «ئانار گۈلى» تېمىسىدا ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش يىغىلىشى، «ئانار گۈلى تىيانشاندا ئېچىلدى» تېمىسىدا ئائىلە تەربىيەسى سەييارە كۆرگەزمىسى (سەييارە لېكسىيەسى)، «بىلىم خۇمارلىقنى ئائىلە ئىستىلىغا سىڭدۈرۈش، بىللە كىتاب ئوقۇپ تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش» ئائىلە ئىستىلى ھېكايىلىرىدىن ئورتاقلىشىش يىغىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرلۇشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، ئائىلە ئىستىلى پاك بولۇشتىكى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى توردا تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىگە ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بالىلار ئارىسىدا ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسى باش تېمىسىدا ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرىدۇ
« 1 ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ياخشى تەشكىللەپ، «ئۆسمۈرلەر، بالىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈش»، «قەلبكە ۋەتەننى پۈكۈش، قەلبكە باشقىلارنى پۈكۈش» باش تېمىسىدا تەربىيە ۋە تۈرلۈك ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى پائالىيەت جەريانىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تالانتلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيدۇ. «ئانار دانىسى . چۇنلېي كىنوخانىسى»، «ئانار دانىسى. چۇنلېي سومكىسى» قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، «ئانار دانىسى . كىچىك قوللار چوڭ قوللارنى يېتىلەش، جۇڭخۇا روھىنى ئورتاق تارقىتىش» تېمىسىدا خەلقئارا ئائىلە كۈنى بويىچە بىر ئائىلە كىشىلىرى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، «ئانار دانىسى . شىنجاڭغا مۇھەببەت» دۇنيا مۇھىت كۈنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى باش تېمىلىق تەربىيە ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلارنى مەدەنىي يېڭى ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا يېتەكلەيدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش