دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى ۋىلايىتىمىزدە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

2023 ـ يىللىق شىنجاڭ بويىچە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەي توپ مۇسابىقىسى ئاقسۇدا باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:07:18

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايىتىمىز ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل . شىنجاڭ ياخشى ـــ قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى ئۇرغۇتۇپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش» تېمىسىدىكى 2023 ـ يىللىق شىنجاڭ بويىچە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەي توپ مۇسابىقىسى ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 35 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 327 نەپەر ئىشچى ـ خىزمەتچى بىر مەيداندا مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە ئۈچ تۈرلۈك كوللېكتىپ مۇسابىقە، بەش تۈرلۈك شەخسلەر مۇسابىقىسى تەسىس قىلىندى، مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەنتەربىيە ـ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىشچىلار مەدەنىيەت يۇرتى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەيدان ـ ساراي، سورۇنلارنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىت، ئورۇن، ئېھتىياجغا ئاساسەن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە خىزمىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە ۋە ۋىلايەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن سۈن شىنچۇن، ئېلدوس مۇرات، چاڭ يۈشۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش