ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرلىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چېن تەييۈەن، چېن گۇڭ)
مۇخبىرىمىز قىشتا ئىللىق قۇياش نۇرى كەڭ زېمىننى يورۇتماقتا، ۋىلايىتىمىزنى ئايلانساق، رەت - رەت كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيە تاختىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىدا جۇلالانغانلىقىنى؛ ھەربىر بېسىم ئاشۇرۇش توپلانما پونكىتىنىڭ چۆللۈكتە قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز؛ ھەربىر يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىدە ئىش باشلىنىپ پۈتكەنلىك خۇش خەۋىرى كىشىگە جۇشقۇن تەرەققىيات جاسارىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مول سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارغا تايىنىپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى پايدىلىق سىياسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى ۋەكىللىكىدىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.
«كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى» «يېشىل ئېكولوگىيە»گە ئىقتىدار قوشتى
چۆللۈككە جايلاشقان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاچىتاغ يېزىسىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسىپ باغچىسىغا يىراقتىن نەزەر سالساق خۇددى «كۆپكۆك دېڭىز»غا ئوخشايتتى، زىچ سەپ تارتىپ تۇرغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيە تاختايلىرى قۇياش نۇرىدا قاتمۇقات «مەيىن دولقۇن» ھاسىل قىلىپ، يارقىن مەنزىرە لىنىيەسى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
بۇرۇنقى كەڭ كەتكەن قاقاس چۆللۈك كىشىگە يانتاقتىن باشقا نەرسە ئۈنمەيدىغان جاي، دېگەن تۇيغۇنى بېرەتتى، ئەمما يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، «يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ» ئېنېرگىيە توپلايدىغان قاقاس چۆللۈك باشقىچە تۈسكە كىردى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، يىللىق ئومۇمىي كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكى جاي ئىدى. ھازىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئومۇمىي گېنراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 150 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەتتە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 250 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى؛ ئۈچ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 900 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ، 2023 - يىلى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىش پىلانلاندى. ئۇ چاغدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر)لەر ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 686 مىليون كىلوۋات سائەتكە، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 442 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىشنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى قېزىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمالى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن 28ى قۇرۇلۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1مىليون 80 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %21.6ىنى ئىگىلىدى، 2021 - يىلى ۋىلايەت بويىچە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 296 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 2020 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.38 ئېشىپ، 2021 - يىللىق پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ توك چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %7.33ىنى ئىگىلىدى، ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىگىلەش نىسبىتىدە تەڭلا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرىدىن جەمئىي 12سى قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليون 350 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كاپالەت خاراكتېرلىك تورلاشتۇرۇش تۈرى ئالتە بولۇپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 700 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ، بازارلاشتۇرۇپ تورلاشتۇرۇش تۈرى ئالتە بولۇپ،گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2 مىليون 650 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ، بۇ تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 17 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 4 مىليون 430 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدىغان بولۇپ، «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ 4.5 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى %46تىن %68كە يېتىدىكەن.
يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت «يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىش»تەك خىزمەت پىكىر يولىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار، ساھە مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركەتلىرى، 3 - تەرەپ مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرىنى ۋىلايىتىمىز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئېنېرگىيە كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىلايەت «يېڭى ئېنېرگىيە توك مەنبەسى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، يانداشما كەسىپلەر تەرەققىياتى»دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن بىر تۈركۈم كەسىپ تەرەققىياتى تۈرلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يىرىك پىلان تۈرلىرىنى «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە يولغا قويۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 5 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلەر توپى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە سېلىنما كارخانىلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرلىرىنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ «14 - بەش يىل» كىرگەندىن بۇيان، ئىككى تۈركۈمدە كاپالەت خاراكتېرلىك تورلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرلىرىنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك تەقسىملەش خىزمىتى ئارقىلىق، يەتتە توختام بۆلىكىدىكى جەمئىي 800 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش مۈلۈكدارلىرىنى قانۇن - قائىدە بويىچە بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بازارلاشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن، ئىككى تۈركۈمدە جەمئىي ئالتە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرى (2 مىليون 650 مىڭ كىلوۋات)نى ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ كىرگۈزدى.
ۋىلايەت «ھۆكۈمەت كارخانىلارنى چۆرىدەپ ئايلىنىش، كارخانىلارنىڭ ئىشى بولسىلا دەرھال بېجىرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تۈر كىرگۈزۈش، تۈرگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى تاللاش، تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتىن تارتىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىنكى ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن جەرياندا ماسلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشقىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەربىر يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش كارخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەمىنلىگەن قولايلىق شارائىتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، تەۋەلىك بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان، تىجارەت قىلغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش كارخانىسى جەمئىي 35كە يەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ۋىلايەت بازاردا بىۋاسىتە سودا قىلىنغان ئېلېكتىر مىقدارىنىڭ 8 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن؛ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش تۈرلىرىدىن ئوتتۇرىچە پايدىلىنىش سائەت سانى 1296 سائەتتىن ئېشىپ، توك چىقىرىشتا يورۇقلۇق خوراش نىسبىتى %4.2كىمۇ يەتمىگەن، يورۇقلۇق خوراش نىسبىتى دۆلەت بېكىتكەن %5 ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى ئىچىدە سىجىل مۇقىملاشقان.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل «قوش كاربون»نىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى
ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش»، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىش قاتارلىق تۇرمۇش شەكلى قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئاپتوموبىل 4S دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلىپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ كەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى.
ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋاڭ ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇرۇن ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەيتتىم، بۇ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن بۇيان، توك ئاپتوموبىلىدىلا خاس بولغان ماسلىشىش تۇيغۇسى ماڭا ھەيدەش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئەرزان ئىكەن، يەنە كېلىپ تۆۋەن كاربونلۇق بولغاچقا، مۇھىت ئاسرايدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە تەرەققىيات ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى. مەھسۇلات قۇرۇلمىسى كۈنسايىن مۇۋاپىقلىشىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، كوچا ئاپتوبۇسى قاتارلىقلار خاس ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ۋىلايىتىمىزدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشتى.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە قوللىنىلىشىدا يانداشما ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئاچقۇچتۇر. شۇڭا، ۋىلايەت توك قاچىلاش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2022 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە، ۋىلايەت تۈرلۈك مەركەزلىك توك قاچىلاش پونكىتىدىن جەمئىي 22نى قۇردى.
ۋىلايەت يەنە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنى ناھىيە بازىرى رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى سودا سارىيى، تاللا بازىرى قاتارلىقلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياساش ۋە ياسىلىپ بولغان ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس توختىتىش ئاپتوموبىل ئورنىنىڭ سانىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىنى تەدرىجىي قۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس توختىتىش ئاپتوموبىل ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇردى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى مەخسۇس توختىتىشقا قالدۇرۇلغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 275ى ياسالدى.
ئۇنىڭدىن سىرت، ۋىلايەت ئولتۇراق رايونلارنىڭ توك قاچىلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قۇرۇلۇش چېرتيوژىغا كىرگۈزۈپ لايىھەنى تەكشۈرۈپ، يېڭى سېلىنغان ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىغا توك بىلەن تەمىنلەش يانداشما ئەسلىھەسى قۇرۇش ۋە ئاساسلىق قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ قەدەمدە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سېلىنغان ئولتۇراق رايونلاردىكى مۇقىم ئاپتوموبىل ئورۇنلىرىغا %100 توك قاچىلاش ئەسلىھەسى سەپلەش ياكى قۇرۇپ ئورنىتىش شارائىتى ھازىرلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شەھەر رايونىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەھۋالى بويىچە تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سېلىنىپ بولغان ئولتۇراق رايونلار ۋە كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىدا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزدىكى ئولتۇراق رايونلاردا توك سائىتى ئورنىتىپ ئۆزگەرتىشكە قالدۇرۇلغان ئاپتوموبىل ئورنى 572گە يەتتى.
ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى خۇڭ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېشىل قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش ۋە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاقىل، قولايلىق، يۇغۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىلگەن كەسىپلەر تەرەققىياتى يېڭى ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش