ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى
​مەسىلىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-08-20 16:24:48

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى  8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى.  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قوماندانلىق ئىشتابى پارتكوم بەنزىسى بۇ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى پۇرسەت قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئۆگىنىش، رىئايە قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن بارلىق كادىر، ئىختىساسلىقلارغا ياخشى باشلامچى،  ئۈلگە بولۇشى لازىم.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، ئىشتاب پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ تۇڭلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

ۋاڭ تۇڭلىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، پارتكوم بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىشنى  ئاساسىي ماھارەت ۋە زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچى، خەلقنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشى لازىم. ئىنتىزام ۋە قائىدە كېرىچىنى چېڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چېڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى داۋاملىق رەتلەپ، تەكشۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە سۆھبەتلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق قاتارلىق جەھەتلەردىن سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىدىيە يىلتىزدىكى مەسىلىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشى ﻻزىم. مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشخانا، كومىتېت، گۇرۇپپا، مەسئۇل ساھەلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىگە قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇش، تولۇق ئىگىلەش، يېتەكچىلىك ـ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى  چىڭ تۇتۇپ،  باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، ۋاڭ تۇڭلىن جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پارتكوم بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، بەنزە ئەزالىرى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىكى «پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، پەرقنى تېپىپ چىقىش» تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە «مىزان»، «نىزام»غا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، «‹ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى›نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم يول ماڭدۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەنى چۆرىدەپ سېلىشتۇرۇپ، بەنزىنى، مەسئۇلىيەتنى، خىزمەتنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «18 شۇنداقمۇ ـ ئەمەس»نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، خىزمەت ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ باھاﻻپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنزىلى، ئىدىيىۋى مەنزىلى ۋە  ئەخلاق مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز تاكاممۇللاشتۇرۇشى لازىم.

جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ بەنزە ئەزالىرىدىن  خۇڭ گولياڭ، چېن جيەنجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئالاقىدار ئىشخانا، كومىتېت، گۇرۇپپىلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش