ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

قەھرىماننىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، قەھرىماننىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولىمىز
يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش يىغىنى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىسىمىدا ئۆتكۈزۈلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2019-08-20 16:51:55

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. «ئۇرۇش يىللىرىدا ئاۋانگارتلارچە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پىداكارلىق كۆرسەتكەن؛ تىنچلىق يىللىرىدا تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ... جاڭ فۇچىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئارقىلىق، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى كۆرسىتىپ بەردى» . 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر يولداش جاڭ فۇچىڭ تۇرغان كونا قىسىم، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۈەنىگە كېلىپ دوكلات بەردى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى شى (لۈي)دىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار سىنلىق يىغىن شەكىلىدە دوكلاتنى تەڭ قەدەمدە ئاڭلىدى .

جاڭ فۇچىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۈەنىنىڭ ئىلگىرىكى قىسمى ــ ئەسلىدىكى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ 359 ـ لۈي 718  ـ تۈەنىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي، ۋەتەننى قوغداش يولىدا نۇرغۇن تۆھپە ياراتقان. قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ قەھرىمان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان تۆھپسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاددىي ـ ساددا، نام ـ مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان روھى ئارقىلىق، سەرخىل ھاياتىنى يېزىپ چىققان. بۇ يىل 6 ـ ئايدا، جاڭ فۇچىڭغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «دەۋر ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا، خۇبېي گېزىتى گۇرۇھى چۇتيەن شەھەر گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى خۇ چېڭ، خۇبېي ئېنشى شۆبە ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ خەيلۈن، خۇبېي ئېنشى تۇجيازۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمەتچىسى تيەن ۋېنلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى لەيفېڭ ناھىيەلىك شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى لى گەنلىن ھەمدە يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ نەۋرە قىزى، خۇبېي مىللەتلەر داشۆسى مۇزىكا، ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ رەن قاتارلىق بەش كىشى يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر، ھېسسىياتلىق بايان قىلىپ، ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى، ھەربىي تۆھپىسىگە ناھايىتى نورمال قاراپ، نام ـ تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەي يېڭى تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى. مۇدىر ليۇ خەيلۈن يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ «جەڭدە ئۆلۈمدىن قورقماسلىق كېرەك، غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشنى بەلگىلەيدىغىنى ئېتىقاد ۋە ئىرادە، پارتىيە ۋە خەلق ماڭا ئېھتىياجلىقلا بولىدىكەن، مەن قۇربان بېرىشنى خالايمەن، قۇربان بولۇشمۇ شەرەپلىك ئىش» دېگەن سۆزىنى سۆزلىگەندە، مەيداندا كۈچلۈك ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۈەنىدىكى پائالىيەت مەزگىلىدە، دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يەنە بۇ تۈەننىڭ تۈەن تارىخى سارىيىى ۋە جاڭ فۇچىڭنىڭ كونا ليەن ئەترىتىنىڭ شان ـ شەرەپ ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جاڭ فۇچىڭنىڭ شىنجاڭدىكى تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى خىزمەت، جەڭ كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. جەڭچى لۈ جاڭشۈەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دوكلاتنى ئاڭلاپ چوڭقۇر تەربىيەگە، ئىلھامغا ئىگە بولدۇم، جاڭ فۇچىڭنىڭ كونا ليەن ئەترىتىنىڭ ئىزباسارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەھرىماننىڭ تەسىرلىك ئىش ـ ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئۆزۈمنى بېغىشلاش روھىنى ئاڭلىق ھالدا ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش