ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

دېھقانلار خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2019-07-18 19:18:25

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، ئالدىن قول سېلىپ ئىشلەش ئارقىلىق ناھىيە بويىچە 2683 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆلەمگە ئاساسەن ئېچىش، سۈرئەت ۋە سۈپەتكە تەڭ كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش نىسبىتى %100 كە، پۈتۈپ بولغان ئۆي 2200 گە يەتكەن بولۇپ، 598 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 

木塔力甫DSC_0211.JPG

سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، توپقان بازىرى يۇقىرىقى توپقان كەنت ئەزاسى تاجىگۈل نىياز يېڭىلا پۈتكەن ئەمىن ئۆيىگە كۆچمەكتە.

 

  


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش