ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-07 13:36:46

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خاۋ ۋېيۋېي

يەرشارى بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 1 مىليوندىن ئېشىپ، يۇقۇم 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى؛ بەزى دۆلەتلەر «جىددىي ھالەت»كە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، پۈتۈن يەر شارىدىكى پاي چېكى بازارلىرىدا شىددەتلىك داۋالغۇش بولدى... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە قاتتىق خىرىس قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يۈرۈشۈشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ مەيدان يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ھەم خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى بىر سىناق، ھەم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى سىناش بولدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەستىق سېلىپ، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم كەسكىنلەشكەن پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ: «يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، خەلق سارىيىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇم ئۇچۇرىنى باشتىن - ئاخىر ئوچۇق - ئاشكارا، ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى».

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئوچۇق - ئاشكارا، ئېنىق پوزىتسىيەدە كامبودژانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئورتاق ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى ۋە رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ».

2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ، يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەجرىبىلىرىدىن ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ھەم ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم تارقالغان باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك».

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىپ، يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ».

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانلارنىڭ بۇ مەيدان ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن بولغان كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش».

...

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى».

بۇ، جۇڭگونىڭ ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ۋە مەسئۇلىيىتى.

دوستلۇق مېھرى سەھىپىسى: «چىن مېھىر - مۇھەببەت قىيىن كۈنلەردە بىلىنىدۇ»

«ئۆزئارا قوللاش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى. ئىتالىيە تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پەيتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئىتالىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ».

ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا يېقىندا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىر پارچە ھال سوراش تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىيىن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، زۇڭتۇڭ ماتارېللا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى كۇيرىنالې سارىيىدا بىر مەيدان ئالاھىدە مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا مەخسۇس تەكلىپ بەرگەنىدى.

رەئىس شى جىنپىڭغا يازغان جاۋاب خېتىدە، زۇڭتۇڭ ماتارېللا مۇنداق بىلدۈردى: «رەئىس ئەپەندى، سىزنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرىڭىز، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىتالىيەگە بېرىۋاتقان مەدىتى، مېنىڭ قارىشىمچە، ھەممىسى ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىمىزدىكى كونكرېت ھەمكارلىق ھېسابلىنىدۇ... سىز بىلەن تېزراق يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، ئارىمىزدىكى مۇستەھكەم دوستلۇقنى ئورتاق ئىزھار قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن». جاۋاب خەت قايتۇرۇلغان شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ، ئايروپىلان بىلەن رىمغا بېرىپ، 1 - تۈركۈمدە ئىتالىيەگە يېتىپ بارغان خەلقئارا ياردەم بەرگۈچى بولۇپ قالدى.

بۇنداق ھەمتۈرتكە بولۇش «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى مەزگىلىدىكى جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ بىر بۆلىكىدىنلا ئىبارەت. 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپىدە زىچ رىتىم ساقلىنىپ كەلدى: 25 چەت ئەل رەھبىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلى بىلەن 32 قېتىم تېلېفونلاشتى، جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى، پاكىستان زۇڭتۇڭى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى، كۆرۈشتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كورېيە، ئىران، ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، سېربىيە رەھبەرلىرىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي، ئامېرىكا گايتىس فوندى جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بېل گايتىس قاتارلىقلارغا جاۋاب خەت يازدى... 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

مىننەتدارلىق ۋە قوللاشنى ئىپادىلەش، دوستلۇق مېھرى ۋە ئىشەنچ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىش... «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ھەم تېلېفوندا سۆزلەشتى، ھەم خەت ئالاقىسى قىلدى؛ ھەم قوش تەرەپلىك سۆزلىشىش بولدى، ھەم كۆپ تەرەپلىك يىغىن ئېچىلدى؛ ھەم چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلارغا، ھەم چەت ئەلدىكى دوستانە زاتلارغا يۈزلىنىلدى...جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى ئەمەلىيەتچىل بولغان كۆپ خىل ئالاقىلىشىش شەكلىدە جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولماقتا.

قارىغاي سوغۇقتا سىنىلىدۇ، چىن مېھىر - مۇھەببەت قىيىن كۈنلەردە بىلىنىدۇ. دوستانە كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى:

باش باھار كۈنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن سوغۇققا قارىماي يېتىپ كەلدى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، كامبودژا خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدۇ، بىز ھەقىقىي «جانجىگەر دوست»، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇبارەك بايرىمى بەييۆ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى كۈنى، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى باتتۇلگا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى ھەم موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپكە 30 مىڭ قوي ھەدىيە قىلغانلىق گۇۋاھنامىسىنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 2014 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەتلىك چوڭ خۇرالىدا، «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەنىدى. بۇ قېتىم، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغانلىقى»نى يەنە تىلغا ئالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان مەخسۇس يۇقۇم مۇناسىۋىتى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلغان چەت ئەل دۆلەت باشلىقى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ ھەرقانداق ئەھۋالدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىر قېتىم تېلېفونلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىر، سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ».

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ يىل 1 - ئايدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، مېنىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۈچ قېتىم تېلېفونلاشقانلىقىم، ئارىمىزدىكى يۈكسەك ئۆزئارا ئىشەنچ ھەم جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى»، «ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى». رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىر - بىرىگە مەدەت بەرگەن، قوللىغان، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بەرگەن چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى مانا مۇشۇنداق تەسۋىرلىدى.

ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتى كاسكاد باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو يېزىقىدىكى يېڭى يىللىق تەبرىك ئاتكرىتكىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بالىلار جۇڭگو تىلىدا «ۋۇخەن غەيرەت قىل. كۈلسىڭىز ھەقىقەتەن چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز»نى ئېيتتى، بالىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. شۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتى پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى، ئاۋام پالاتاسى بىردەك ئورتاق قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىغانىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان مىللەت، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پەيتتىكى ھەربىر قىممەتلىك قوللاشنىڭ ھەممىسىنى قەلبىگە چىڭ پۈكىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن تېلېفونلاشقاندا، قاتار تەرەپنىڭ قاتار ئاۋىياتسىيە تورى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى؛ كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېل بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس دىئاز كانېلنىڭ جۇڭگونىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مەخسۇس بېرىپ جۇڭگو تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يۈكسەك تەرىپلىدى؛ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، زۇڭتۇڭ سىسىنىڭ سەھىيە مىنىستىرىنى ئالاھىدە ئەلچى سۈپىتىدە جۇڭگوغا مەخسۇس ئەۋەتكەنلىكىگە ھەم مىسىردىكى ئۈچ چوڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى جايلاشقان ئورۇندا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىراغ مەنزىرىسى شەكلىدە بىرلا ۋاقىتتا پىرويېكسىيە قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىگە ئالايىتەن رەھمەت ئېيتتى؛ ئىران زۇڭتۇڭى روھانىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتكەندە، «نۇرغۇن ئىران پۇقراسى ۋۇخەنگە، جۇڭگوغا مەدەت بېرىپ، بىزگە ئىللىقلىق ۋە كۈچ بېغىشلىدى»، «جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ» دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالدى؛ كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتكەندە، زۇڭتۇڭ ۋېن زەييىننىڭ «جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقى كورېيەنىڭ قىيىنچىلىقى» دېگەن ئاشۇ سۆزىنى ئالايىتەن تىلغا ئالدى؛ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جۇڭگو تەرەپكە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىئانە قىلغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى...

جۇڭخۇا مىللىتى كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەت. دوستلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، چوقۇم ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.

«جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تەجرىبە دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەمىنلەشنى خالايدۇ»، «جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كورېيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ»، «ئىران تەرەپكە داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ»، «ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، ئىتالىيە تەرەپكە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىدۇ»، «جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن يۇقۇم ئۇچۇرلىرى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرى، داۋالاش تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىلىنىپ، ئۇلارنى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ»، «جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپكە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ»... رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ئىللىق، سەمىمىي جۇڭگو دوستلۇق مېھرىنى تەرەپ - تەرەپكە يەتكۈزدى.

«بوران - چاپقۇندىن كېيىن ھامان ئاپتاپ چىقىدۇ»، يۇقۇمنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق بىلدۈردى: مەيلى قانداق ئەھۋالغا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، بارلىق پاكىستان خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەي قان قېرىندىشى بولغان جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگو ئەزەلدىن بىر - بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ كەلدى، بۇ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا تولۇق گەۋدىلەندى، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلام، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۆزى ئايروپورتقا چىقىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سېربىيەگە ئەۋەتكەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى كۈتۈۋېلىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆيدى ھەم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن «جەينەك تەگكۈزۈپ كۆرۈشتى». ئۇ تۇيتېغا مۇنداق دەپ يازدى: سېربىيە بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان جانجىگەر دوستلار، رەئىس شى جىنپىڭغا رەھمەت، جۇڭگو خەلقىگە رەھمەت!

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون رەئىس شى جىنپىڭغا جۇڭگوغا بالدۇرراق زىيارەتكە كېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ: «مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگودا بالدۇرراق زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۆزگىرىش كۆپ بولۇۋاتقان، مەنپەئەت كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان دۇنيادا تۇرۇۋاتىمىز، دۆلەتلەر ئۆزئارا چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ قانداق يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؟

يەر شارىۋى يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، جۇڭگو بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئۇ بولسىمۇ «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش».

ھەمكارلىق سەھىپىسى: «ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئەڭ كۈچلۈك قورال»

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بىر مەيدان ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ۋە مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ھەم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى سىن شەكلى ئارقىلىق «جەم بولدى». بۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر سىن يىغىنى، شۇنداقلا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇھىم، زور كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتى.

جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە غەلىبە تاڭ نۇرى كۆرۈلگەن پەيتتە، يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، زەربە دولقۇنى سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى. جىددىي پەيتتە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قانداق نامايان قىلىدۇ؟

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش»، «خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش»، «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاش»، «خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش»، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يوقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەر شارىۋى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

«مەن بۇ يەردە تەكلىپ بېرىشنى خالايمەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى بالدۇرراق ئېچىش كېرەك»، «مەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسى چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن»، «جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىملىرى مەركىزى قۇرۇپ، بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتتى»، «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىكى سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك»، «مەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى، توسۇقنى بىكار قىلىشى، سودىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن»... يۇقۇمنىڭ يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىشىش ئەڭ كۈچلۈك قورال». بۇ مەيدان يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش چوڭ ھەرىكىتىدە، جۇڭگو قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشەنچ ئاتا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاشكارا، ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىش، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

كېچە - كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، دۇنياغا ھەمدەم بولۇش. سەمىمىي سۆزلەر، تۈرلۈك سەمىمىي تەشەببۇسلار دۇنياغا جۇڭگو رەھبىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان ھەمكارلىق روھى، پۈتۈن دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى:

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەم دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ».

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە باشقا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق نۇرلىرى ئارقىلىق يۇقۇم تۇمانلىرىنى تارقىتىشنى خالايدۇ».

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەيگە يازغان جاۋاب خېتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «سىزنىڭ يېتەكچىلىكىڭىزدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو سىزنىڭ ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا پائال رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشۇڭلارنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ».

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا يۇقۇم ۋەزىيىتى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ قىلچە ئايانماي ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەردىن داۋاملىق تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ».

بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئالدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ».

ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ».

نامبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوپ بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئافرىقىنىڭ ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن.» «جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق سالماقنى زورايتىپ، نامبىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ».

...

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇرى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن دورا، ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقىچە، قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت بېرىشتىن ئىمكانقەدەر كۆپ ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاشتىن ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقىچە... «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ دۇنياغا يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا پائال قاتنىشىشتەك جۇڭگو مەيدانىنى شەرھلىدى، يەر شارىۋى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتەك جۇڭگو تەشەببۇسىنى چىقاردى.

ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈن يەر شارىنى ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن گېن تەرتىپى ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى؛ پۈتۈن يەر شارىدىكى 180 دۆلەت، ئون نەچچە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 20 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى؛ 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن مۇتەخەسسىسلەر سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ 120 دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتنى ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى، نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىق ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، ئىران، ئىراق، ئىتالىيە، سېربىيە، كامبودژا، پاكىستان، ۋېنېزۇئېلا، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى...

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگونىڭ قىلىۋاتقان ئىشى توغرا. شۇڭا بىز ئىتتىپاقلىشىشىمىز − ئىتتىپاقلىشىشىمىز، ئىتتىپاقلىشىشىمىز، يەنە ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك».

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو يۇقۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى».

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس رەئىس شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ قوللىشى كۆپ تەرەپچىللىككە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رەھبەرلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىنتىزارمەن.

قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىدىغان تۈركۈم - تۈركۈم ياردەم ماددىي ئەشيالىرى، ھەربىر قىممەتلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرى ئالاھىدە مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىق يولىنى كېڭەيتتى.

يېقىندا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى ئۈچۈن، <ساغلام> بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ».

ئىتالىيە لورېنزو مېدىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى فابىئو - ماسسىمو پارېندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان دۆلەت بولۇش ئىتالىيەنىڭ توغرا قارارى، بىر يېڭى دەۋر يېتىپ كەلدى، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالى مۇقەررەر پارلاق بولىدۇ.

دەۋر سەھىپىسى: «ئىنسانلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»

كىشىلەر 21 - ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى ئون يىلىنىڭ مۇشۇنداق شەكىلدە باشلىنىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆزەتكىلى بولىدىغان بىر خىل تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن، ئىنسانلارنىڭ ئالدىراش ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قەدىمىگە تۇيۇقسىزلا «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «قارا قۇ» ۋەقەسى دەپ ئاتالغان بۇ مەيدان ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىقنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىزاھاتى بولۇپ قالدى، ھەم جۇڭگو رەھبىرىنىڭ «بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن بۇ مۇھىم، زور ھۆكۈمىنىڭ چوڭقۇر ئېنىق كۆرەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

«ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان دەۋردە، بۇنداق ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى ئەمەس، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى يەنە ئۈزلۈكسىز يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.» تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇمغا قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈم قىلدى.

دۇنيانىڭ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بېكىنمىچىلىك ياكى ئېچىۋېتىش، قارشىلىشىش ياكى ھەمكارلىشىش، يەككە تەرەپچىللىك ياكى كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ تاللاش يولىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم بىر مەيدان «كوللېكتىپ سىناق»، تېخىمۇ مۇھىمى بىر غايەت زور ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ: ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان دەۋردە، كىرىزىس، خىرىس ئالدىدا ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېسە بولمايدۇ.

«يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى.» «خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك.» «بۇ مەيدان يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.» «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يەشمىسى ۋە مۇراجىئىتى دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى ۋە كەڭ ئورتاق سادا پەيدا قىلدى.

فىرانسىيە پارىژ 8 - داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پىئېر پىكار مۇنداق قارىدى: «ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسى، تېببىي خادىملار ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۇقۇم ئالدىدا نامايان قىلغان ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىشىشى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى».

رۇسىيەلىك داڭلىق ئالىم ۋلادىمىر بېچېرىتسا «دەلىل ۋە پاكىت» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بىرلىكتە ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بىزگە ياردەم بېرىدۇ.

ئامېرىكا كۇئېن فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت لاۋرېنس كۇئېن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ داۋالغۇپ تۇرغان دەۋرىمىزدە، يىراقنى كۆرەرلىك ئىنتايىن مۇھىم، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، ماھىيەتلىك مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، «دۇنيانى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، غايەت زور ئۈمىدنى يەتكۈزدى».

كاتتا دەۋر كاتتا ئەقىل - پاراسەتنى چاقىرىدۇ. 2013 - يىلى 3 - ئايدا موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە دۇنياغا يۈزلىنىپ «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، 2015 - يىلى 9 - ئايدا نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» يول خەرىتىسىنى سىستېمىلىق شەرھلەشكىچە، يەنە 2017 - يىلى 1 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز» دېگەننى چۆرىدەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەرھلەشكىچە، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا مول بولغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى خەزىنىسىنى ئاچتى.

ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆزلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك مەدەنىيلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشقىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشتىن يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشقىچە... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغان بىرقاتار جۇڭگو ھەرىكىتى دۇنياغا بۇ ئىدىيەنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

چوڭ داۋلى ئاددىي بولسا، ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان بىر مەيدان ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، دۇنيا بۇ جۇڭگو ئىدىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل ئەمەس، ئۇ، قىيىن پەيتتىكى رەھبەرلەر ئارىسىدىكى قەتئىي قوللاش، ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ھەمتۈرتكىسى، ياپونىيەدىكى «چىپاۋ كىيگەن قىز»نىڭ سوغۇق شامالدا جۇڭگو ۋۇخەنگە ئىئانە قىلغاندا تەزىم قىلغان چاغدىكى ئېگىلگەن سىيماسى، جۇڭگو دوختۇرلىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى رىم دوختۇرخانىسىدا چېپىپ يۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقان چاغدىكى ئالدىراش قەدەملىرى، «گەرچە باشقا - باشقا جايدا بولساقمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ئاسماننىڭ تېگىدە ياشايمىز» دېگەن شېئىرىي ھېسسىياتنىڭ ئىپادىلىنىشى، «يوقال، زۇلمەت! سۈبھى پەيتىدە بىز غەلىبە قىلىمىز!» دېگەن مۇقەررەر غەلىبە قىلىش ئەقىدىسى...

جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، دۇنيا بۇ جۇڭگو ئىدىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى: ئۇ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئورتاق ئىنتىلىشىنى مۇجەسسەملىدى؛ ئۇ، ھەم ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى، تېخىمۇ مۇھىمى، رېئال خىرىسنى ھەل قىلىشتىكى توغرا يولى.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يۈزبېرىشى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى».

قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت، مۇقەررەركى 21 - ئەسىر ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم بىر سەھىپىسىگە ئايلىنىدۇ.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: چېن شەن، دۇ جيەن، شۈ يۇڭچۇن، تاڭ جى، لى جيې، ليۇ تيەن، جياڭ چاۋ، ياڭ شىلۇڭ، ۋاڭ چاۋ، خۇ يوۋسۇڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش