ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون لوپنور كۆلىدە «زۇمرەتتەك دولقۇن» قايتا پەيدا بولدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-21 18:28:00

  ئېگىزدىن تارتىلغان تۇز كۆلچىكىنىڭ سۈرىتى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ لوپنور كۆلى ئىلگىرى جۇڭگو بويىچە 2-چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ھەممە ئادەم بىلىدىغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» بولۇپ قالغان. بىراق، دەل بۇ ھالاكەتلىك جايدا، زاپىسى ئىنتايىن مول بولغان، كەم ئۇچرايدىغان قېزىلما بايلىق − كالىي تۇزى ساقلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايدىكى كالىي تۇزى بايلىقىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر ئاستىدىكى تەبىئىي تۇزلۇق سۇ پومپا قۇدۇقىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، تۇز كۆللىرىگە قۇيۇلۇپ، لوپنور كۆلىدە قايتىدىن «زۇمرەتتەك دولقۇن» پەيدا بولدى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنور كۆلى كالىي تۇزى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى شۇ جايدىكى كالىي تۇزى بايلىقىنى ئېچىشقا باشلىدى، 20 يىل ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇش قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 600 مىڭ توننا بولغان كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ توننا بولغان كالىي  سۇلفات، ماگنىي ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ كالىيلىق ئوغۇت بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» ھەمدە ئۇزۇن يىل ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغان كالىي تۇزى بارا-بارا «بايلىق مەنبەسى»گە ئايلاندى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)


  ئېگىزدىن تارتىلغان تۇز كۆلچىكىنىڭ سۈرىتى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

دۆلەت مەبلەغ سالغان شىنجاڭ لوپنور كۆلى كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجاۋ گې فوتوسى

  ئېگىزدىن تارتىلغان تۇز كۆلچىكىنىڭ سۈرىتى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  بۇ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان تۇز كۆلچىكىنىڭ كۈن چىققاندىكى سۈرىتى.

دۆلەت مەبلەغ سالغان شىنجاڭ لوپنور كۆلى كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجاۋ گې فوتوسى

دۆلەت مەبلەغ سالغان شىنجاڭ لوپنور كۆلى كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجاۋ گې فوتوسى

  ئىشچىلار تۇز ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىماقتا.

  بۇ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان تۇز كۆلچىكىنىڭ كۈن پاتقاندىكى سۈرىتى.

  ئېگىزدىن تارتىلغان تۇز كۆلچىكىنىڭ سۈرىتى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).



مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش