ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-21 18:27:15

تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 21:10 ئۆتكەندە قارا يامغۇردىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: سائەت 20دىن 21گىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەلىك ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە جام بازارلىق ھەق ئېلىش پونكىتىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر سائەتلىك يېغىن مىقدارى 38.1 ۋە 29.3 مىللىمېتىر بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى ئۈچ سائەتتە بۇ رايوندا ھۆل-يېغىن يەنە داۋاملىشىدىكەن، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر، كەلكۈن ۋە لاي-لاتقا ئېقىنى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر يۈز بېرىشىنىڭ مېتېئورولوگىيە خەۋپى دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش