ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

چەكسىز مۇھەببىتى، چىن ھېسسىياتىنى بېغىشلاش
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-08-20 16:46:18

− جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىنۋېي توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«مەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ قىلدىم» دېدى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى، جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شىنۋېي مۇخبىرغا.

2016- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭغا كىرىپ، لى شىنۋېي ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان مۇھەببىتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا بولغان ئىنتىلىشى، ئىككىنچى يۇرتى قەشقەرگە بولغان چىن ھېسسىياتىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

 كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

«مۇھەببەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، چىن ھېسسىيات ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، چىن قەلب ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» بۇ لى شىنۋېينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان چۈشەندۈرۈشى.

لى شىنۋېي جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تېخنىكىسى، تۈزۈمى ۋە ئىستىلىنى قەشقەرگە «كۆچۈرۈپ كەلدى». ئۇ ياراتقان «پونكىت باشلىقى + » خىزمەت ئەندىزىسى جەنۇبىي شىنجاڭدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى. نۆۋەتتە، قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىنىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك چۆرىدەپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى، ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى.

«كىشىگە بېلىق بەرگەندىن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويغان ياخشى»، لى شىنۋېي «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش»نى ئاساس قىلىپ، ئۆزى توپلىغان بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، شۇ جايدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە ئۆگەتتى. «پونكىت قۇرۇلغان مۇشۇ يىللاردا، بىز شاڭخەي، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، شۇ جاينىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق» دېدى لى شىنۋېي.

 قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ، شۇ جاينىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش

لى شىنۋېي جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىنى ئويلاشقا قويۇپ، جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر «ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»كە يېتەكچىلىك قىلىش تۈر تۈزۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە «1 + 5» تۈرى قاتارلىقلارنى تاماملاپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئەمەلىي مەشغۇلات ئەندىزىسى»نى يەنى: لايىھە، تەربىيەلەش، تەجرىبە قىلىش، نەق مەيداننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئومۇملاشتۇردى ۋە ئەمەلىي قوللاندى.

لى شىنۋېي ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يەرلىك مۇمكىنچىلىكى» خىزمەت ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

لى شىنۋېي يەنە جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئورنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىدىكى چوڭ تىپتىكى ئالتە دوختۇرخانىنىڭ رادىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يىللىق تەكشۈرۈپ، ئىككى ۋىلايەتتىكى نۇقتىلىق داۋالاش - سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى خىزمىتىنى بىخەتەر قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شۇ جايغا 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ھەققى تېجەپ بەردى.

«جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش - ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى» دېدى لى شىنۋېي.

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يىرىك پىلانى ھەم يولغا قويۇش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقالايدىغان بولدى؛ دورا سەزگۈرلۈكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتىدۇ؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى كۆپ تۈرلۈك ساپانامىلەرگە ئېرىشتى.

 داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش

2018- يىلى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندا، 57 ياشلىق لى شىنۋېي داۋاملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋېرىشنى يەنە ئىلتىماس قىلدى.

گەرچە لى شىنۋېي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، بىر قېتىم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈزبېرىپ، ئۈچ تىرەك ئورناتقان، بۇلتۇر 10 - ئايدا يەنە بىر قېتىم مېڭە تىقىلمىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە خىزمەتنىڭ داۋاملىشىشچانلىقىنى ئويلىشىپ، ئۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىككى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

يىرىك پىلان تۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئالدىدا، لى شىنۋېي باشتىن - ئاخىر تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، ئالدىن پىلانلاپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر ۋە خىزمەت ئۇسۇلى شۇ جايدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسەتمەكتە.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، مەن ئۆز سەۋەبىم تۈپەيلى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزسەم بولمايدۇ، خىزمەتنى تولۇق تاماملىشىم كېرەك.» يېقىنقى ئىككى يىلدا، لى شىنۋېي چاغاننىڭ ھەممىسىنى قەشقەردە ئۆتكۈزدى.

دەل مۇشۇنداق چېگرا رايوننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقى بولغاچقا، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە ساغلاملىق گېزىتخانىسى بىرلىكتە تەۋسىيە قىلغان «ھاياتلىق قەھرىمانى پىدائىيلار ئەترىتى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. 2018- يىلى، لى شىنۋېي شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىر مۇنەۋۋەر خادىم دېگەن نامغا ئېرىشتى. لى شىنۋېي يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنى تەرىپىدىن 2017 - يىللىق، 2018 - يىللىق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش