ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

قېچىپ يۈرگىنىگە 19 يىل بولغان خۇاڭ ۋېنجۈن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ كېلىندى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-08-20 16:44:20

بۇ شىنجاڭنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشىدىكى تۇنجى قېتىملىق قېچىپ يۈرگۈچىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئىككى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق، قېچىپ يۈرگىنىگە 19 يىل بولغان ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن گۇماندار خۇاڭ ۋېنجۈن 8- ئاينىڭ 10- كۈنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان قېچىپ يۈرگۈچى.

خۇاڭ ۋېنجۈن، ئەر، 1966- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان، تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك تۇرۇبا سۈيى شىركىتىنىڭ سابىق دىرېكتورى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭ ۋېنجۈن ۋەزىپىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ئۇنىڭ قىلمىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلىدۇ. 2000- يىلى 3- ئايدا، خۇاڭ ۋېنجۈن جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىپ، ئىز - دېرىكى بولمىغان. 2000- يىلى 4- ئايدا تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خۇاڭ ۋېنجۈننى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى مەخسۇس بەن قۇرۇپ، خۇاڭ ۋېنجۈننى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان. قانۇننىڭ ھەيۋىسى ۋە سىياسەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە خۇاڭ ۋېنجۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خۇاڭ ۋېنجۈننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قويۇپ بەرگەن غايەت زور ھەيۋە ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى مەركەز قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق دېلو تۇرغۇزۇلغان قېچىپ يۈرگۈچىلەرنى خام خىيالدىن ۋاز كېچىپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش