ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەش
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-19 17:19:19

− شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، شىزاڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ بىڭ، چېن شاڭسەي

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، شىزاڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە، خەلق تۇرمۇشى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ ھەل قىلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشنى كۈچەپ چىڭ كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

 ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەم 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش - تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش - ياخشىلاش قاتارلىق 12 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇھىم نۇقتىنى تىزىپ چىقتى. ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار 140 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەر، ناھىيە - شەھەر - رايوندا ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 150 نەچچە ئورۇندا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 345 مەسىلىنى بايقىدى، 143 مەسىلىنى ھەل قىلدى، 418 كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار 8835 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 9832 مەسىلىنى بايقاپ، 2761ىنى بىلگەن ھامان دەرھال تۈزەتتى، 3393ىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ تۈزەتتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلە تىزىملىكى، تۈزىتىش تەدبىرى تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسىپ تەرەققىياتى، ئەمگەك كۈچى ساپاسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى قاتارلىق ئەمەلىي شارائىتلارنى چىقىش قىلىپ، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئالغا سىلجىتتى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تۇەنچاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش قاتارلىق 11 نۇقتىلىق جەھەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى تەشكىللەپ، تۇەنچاڭ، ليەندۈيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىدىغان مەسىلىدىن 183نى رەتلەپ چىقىپ، 173 تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىدىغان مەسىلىدىن 685نى رەتلەپ چىقىپ، بۇنىڭ 374ىنى تۈزەتتى؛ بەنزە ئەزالىرى تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىدىغان مەسىلىدىن 2016نى رەتلەپ چىقىپ، بۇنىڭ 1148ىنى تۈزەتتى.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى مەۋقەنى چېگرادىكى مىللىي رايونلار، دىنىي كەيپىيات قويۇق رايونلار، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر پۈتۈن رايونلۇق مەركەزلىك تۇتاش ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتنى ئۆزى تاللاشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز جەھەتتىكى تۈزەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تۆت تۈرلۈك تۈزەش ۋەزىپىسىنى كۆپەيتىپ، ھەر بىر تۈرلۈك تۈزەش ۋەزىپىسىگە قارىتا كونكرېت تەدبىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزدى، نۆۋەتتە 278 مەسىلە تۈزىتىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىزاڭ يەنە زور كۈچ بىلەن ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاپ، يىغىنلارنى ئازايتتى، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ تارقاتقان ھۆججەتلىرىنىڭ، ئاچقان يىغىنلىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.1، %43.8 ئازايدى.

 دىققەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساسىدا، 113 مىڭ تۇبېركۇليۇز ئاغرىقىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلدى؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، 361 مىڭ 500 نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە 9355 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېپقالغان 817 مىڭ 100 ئېغىر نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ زورايتىپ، يىل ئىچىدە ھەر بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندىمۇ بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشقا تىرىشتى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللاندى. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئىلگىرىلەش سۈرئىتى سەل ئاستا بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بىڭتۇەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 1315 ئائىلىنىڭ يېزا خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئارقىدا قالغان شى، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆزلىشىپ، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئېغىر نامرات تۇەنچاڭلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتى دەل جايىدا بولماسلىق، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالماسلىقى مەسىلىلىرىگە قارىتا، بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپتىكى كەمتۈكلۈكنى پائال تولۇقلىدى.

شىزاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشتىكى 133 تۈرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەتتە ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشى، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى قىيىن بولۇش، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، داۋالىنىش يوللىرى كەڭ بولماسلىق، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇشى قىيىن بولۇش، قىيىنچىلىقى بار دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى. ھازىرغىچە شىزاڭدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار 562 تۈركۈم قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن 300دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، قىيىن ئىشنى ھەل قىلىپ بەردى.

 تۈزىتىش جەريانىنى چىڭ كۆزلەش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئون سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 1- تۈركۈمدىكى 94 تارماق، ئورۇنغا بولغان خىزمەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىش، ھەقىقىي نازارەت قىلىش، قاتتىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، لايىھەلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىش، دوكلاتنى ئالدۇرۇپ كۆرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىش، ئىختىيارىي تاللاپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئايرىم سۆھبەتكە چاقىرتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەرىكەت ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىرغىچە، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلاردا 568 قېتىم نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى، جەمئىي 503 تۈرلۈك مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەر ھەپتىدە قەرەللىك يىغىن ئېچىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئورتاق تەتقىق قىلدى، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)نىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش دەرىجىسى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى قاتارلىق ئۆلچەملەر بويىچە، 54 تارماق، ئورۇننىڭ خىزمىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، بايقالغان بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قەتئىي تۈردە ئىدىيەۋى تونۇشى دەل جايىدا بولمىغانلارنى قويۇۋەتمەسلىك، ئۆگىنىش - تەربىيەسى چوڭقۇر بولمىغانلارنى قويۇۋەتمەسلىك، تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىدىغان مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمىگەنلەرنى قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈزۈل - كېسىل بولمىغانلارنى قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان سەككىز تارماق، ئورۇننىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنى چاقىرتىپ سۆزلەشتى.

شىزاڭ مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاسى بويىچە تۆت جەھەتتىكى 12 مەسىلە، 34 تۈرلۈك كونكرېت تۈزىتىش ئىشىغا قارىتا، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتەلەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى جايىدا تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايون ئۈچ قېتىم مەخسۇس نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 654 يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 22 جىنايەت شايكىسىنى يوقاتتى؛ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش، تۈزىتىش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 45 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسى ۋە 179 تۈرلۈك كونكرېت تۈزىتىش تەدبىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزىتىش نىشانىغا يەتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش