ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەدبىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن قوللايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-19 17:18:31

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەدبىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن قوللايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلغا يېقىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى يۈز بەرمىدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى روشەن ياخشىلاندى، مىللەتلەر باراۋەر - ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل - رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - ئىناق بولدى. گېزىت، تېلېۋىزور، رادىيو، تور ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاق تاشلىق كىتابنى ئاڭلىدى، كۆردى، ئوقۇدى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى، بىز چىن قەلبىمىزدىن قوللايمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز.

 ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولدى

ئاق تاشلىق كىتابنى كۆرۈپ، فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ شىنجيەن چىن قەلبىدىن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق خاتىرجەم ياشىماقتا، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، بۇ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى».

«قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەم جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق، ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، قانۇنچىللىق روھىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن.» شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن سامساق مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى نامايان قىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن.

«تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندىم، ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈردۈم، يەنە ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇم» دېدى خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتى 4- نومۇرلۇق سېخىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇننىسا ئەلى. ئۇ خوتەن ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن ماھارىتى ۋە بىلىمىدىن پايدىلىنىپ، كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ غوللۇق خادىمىغا ئايلىنىپ، كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا ئائىلىسىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭدى.

ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسىنىڭ قاشئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇخدان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كونا ناچار قائىدە - يوسۇنلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى، يەنە ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى. ھازىر، كەنتىمىزدە ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى قەدىرلەيدىغان ۋە مەدەنىي كەيپىياتقا ئىنتىلىدىغان كەيپىيات تېخىمۇ قويۇقلاشتى».

 تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى روشەن بولدى

«تەربىيەلەش مەركىزىدە تاماق، ياتاق، ئۆگىنىشنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، يەنە داۋالاش ئۆيى، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى، پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئۆيى بار، مېنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشىم خاتىرجەم ئۆگىنىش. تەربىيەلىنىش جەريانىدا، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى ئائىلەمگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، بىزگە ياردەملىشىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى.» مارالبېشى ناھىيەسى ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەيسا مەمەت مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن مېۋە - چېۋە دۇكىنى ئېچىۋالدىم، ئائىلىمىزدە كىچىك سوغۇق ساقلاش ئامبىرى سېلىۋاتىمىز. مەن كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ بىللە مېۋە - چېۋە سېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن».

شىنجاڭ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن شۈ مۇنداق بىلدۈردى: تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ئەمگەك ماھارىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. «بىز كۆپلىگەن جانلىق مىساللارنى كۆردۇق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەر تەلىم - تەربىيە نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ روشەن بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى چېن شۈ.

«تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، يەنە بەزىلىرى ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇردى، ئۆگەندى، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەر توپى بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەرگە ئايلاندى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ ئوۋ مۇنداق دېدى: تەلىم - تەربىيە خىزمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

 تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەش

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.» قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى رۇقىيە ئابلىز مۇنداق دېدى: بىرقىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىگە قاراچاپلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە پاكىتقا پىسەنت قىلماي «قوش ئۆلچەم» قوللاندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. «خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئارزۇسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. بىز نۆۋەتتىكى تەستە قولغا كەلگەن ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەدىرلەپ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز» دېدى ئۇ.

«خۇددى ئاق تاشلىق كىتابتا ئېيتىلغاندەك،بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. بۇ كەسكىن ۋەزىيەتتە، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ليۇ شىڭ مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى توغرا يېتەكلەپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىق ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۆزدىن كەچۈردى، ئۇلار تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ خەلق ئاممىسىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئاكتىپ باھا بەردى، بۇ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ» دېدى ليۇ شىڭ.

شىنجاڭ جىنچياۋ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى رىزۋانگۈل روزى مۇنداق دېدى: ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى بىخەتەر، ئىناق، گۈزەل جاي ئىكەن، دېدى. «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!» دېدى رىزۋانگۈل.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، ياڭ شۇخەن، شيې خۇيبيەن، مېھرىگۈل غوپۇر، مېھرىگۈل ناسىر، جاۋ شىيا، خې لىڭ، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ بو، گاڭ لىچياڭ، جاڭ خەييەن يازغان)



مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش