ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە سىجىل كۈچىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-19 17:17:10

«چوڭ سۇپا»غا «كىچىك دەۋرىيلىك»نى گىرەلەشتۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە سىجىل كۈچىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى شىنكاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ باشلىقى جۇ شۆسېن بىر كۈن تېرىقچىلىق بازىسىدا ياڭاق مېۋىسىنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى سېتىۋېلىش - سېتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئەمدىلا ئاخىرلاشقان جۇڭگو (شىنجاڭ) نامرات رايونلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى پائالىيىتىدە، جۇ شۆسېن دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ زاكازلىرىغا ئېرىشتى.

جۇ شۆسېننى مەنپەئەتلەندۈرگەن پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىز 2018- يىلىدىن باشلاپ «چوڭ سۇپا»غا «كىچىك دەۋرىيلىك»نى گىرەلەشتۈرۈپ بەرپا قىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت ئەمەلىيەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى يولغا قويۇش، يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، شۇ جاينىڭ بازار سۇبيېكتى ۋە شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۈپەتلىك ماركىسىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە سىجىل كۈچەشنى ئالغا سىلجىتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان توردا پارچە سېتىش سوممىسى 17 مىليارد 418 مىليون يۈەن بولدى، ئېشىش سۈرئىتى %22.75 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشنى پىلانلىدى. «بىز جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىلىشىش، ئۆلچەملىشىش، تۈجۈپىلىشىشكە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساۋ شياڭ.

ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن جەمئىي 47سى بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش مەركىزىدىن 47سى، 2500گە يېقىن يېزا - كەنت دەرىجىلىك پونكىت - نۇقتا قۇرۇلۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 395 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە 180 مىڭ 200 ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش