ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 62- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-19 17:16:23

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 62- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەريانىدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ قوشۇشنى تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئائىت نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىككى يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىملىققا ئىگە. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قەتئىي ھالدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تېما تاللاپ، تەكشۈرۈشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى يېزىپ چىقىش كېرەك؛ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئائىت نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان نىزاملارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئۇدا، نۇقتىلىق نازارەت قىلىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش