دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستى 16 تۈردە «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالىدى، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 9 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يەتتى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-02-23 19:07:13

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر زو شياۋيۈ): سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى نەق مەيداندا 16 تۈر ئىمزالاندى، بۇ تۈرلەر يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 9 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

2-ئاينىڭ 20-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن)

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سانجى ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدىكەن. بۇ قېتىمقى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى سانجى ئوبلاستىنىڭ يېڭى بىر يىللىق زور مەبلەغ سېلىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش مۇقەددىمىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى تەرەققىيات مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇش يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم ئوبلاست سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىر 10 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ چىقىپ، «كىنىشكا بېجىرسىلا تىجارەت قىلىش»، «يەرگە ئىگە بولسىلا دەرھال ئىش باشلاش»تەك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقتى.




مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش