تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ): ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغا يەتمىگەنلىكتىن، ۋۇگۇڭتەي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن كۈيتۈن غەربىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناش كونترول قىلىندى؛ سانجى شەرقىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ۋۇگۇڭتەي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇلدى، پىكاپلار نورمال يۈرسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى قويۇق تۇمان ۋە قارنىڭ تەسىرىدە، شەرقىي شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنىڭ يول يۈزى مۇز تۇتقانلىقتىن، مۇز تازىلاش ۋە قار ئېرىتىش دورىسى چېچىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلغان، ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن گەنچۈەنباۋغىچە بولغان يۆنىلىش يەنىلا كونترول قىلىنماقتا، گەنچۈەنباۋدىن ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئارىلىقتا نورمال يۈرۈشكە بولىدۇ؛ يەنئەن يولى باغلىما يولى ھەق ئېلىش پونكىتى يەنىلا كونترول قىلىنماقتا، باشقا باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا يۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش