ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

شىنجاڭدا 7300 پارچىدىن ئارتۇق توردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-09 17:02:26

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋەر قىلىدۇ): 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە توردا «بۇلۇت خادىم قوبۇل قىلىش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمىنى «كۆرۈشمەيلا» ئىمزالىشىغا شارائىت ھازىرلىغان. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى توردا 182 قېتىم خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 4064 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى توردا خادىم قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، توردا 7319 پارچە ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى پائال ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان توردا خادىم قوبۇل قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، «شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى»، ئۈندىدار كىچىك پروگىراممىسى «شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى توردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى»غا تايىنىپ، توردا خىزمەت ئىزدەش، خادىم قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، 6~3 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە توردا «بۇلۇت خادىم قوبۇل قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى باتېر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئادەم قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز.»


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش