ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولى چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 218 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-09 17:01:45

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ خەۋەر قىلىدۇ): 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەمئىي 218 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ چىڭمىڭ بايرىمىلىق توشۇش مۇددىتى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگە جەمئىي 4 كۈن بولغان. ئاپتونوم رايون بويىچە تۆمۈريول ئېقىمى تۇغقان يوقلاش، قەبرە سۈپۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك سەپەرگە چىققان يولۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يۇقۇم سەۋەبلىك سەپەرگە چىقىدىغان ساياھەتچىلەر ئېقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن تۆۋەن بولغان، شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ ۋە ئازايتىپ، قىسقا مۇساپىلىك ۋە شەھەرلەر ئارا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپنى تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشتى.

  چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىگە ئاپتوماتىك تېرمومېتىر سەپلەپ، يولۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ بېكەتكە كىرىشىگە قولايلىق ياراتتى. يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە، ھەر قايسى يولۇچىلار بېكەتلىرى يولۇچى توشۇش يوللىرى ۋە خادىملارنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ، ئاپتوماتىك تېرمومېتىر ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە ئادەم كۈچى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ، خادىملارنىڭ توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۈرۈمچى بېكىتى قاتارلىق بېكەتلەردىكى بېلەت سېتىش زالى قاتارلىق خادىملار كۆپ سورۇنلاردا يولۇچىلار ئېقىمىنى يېتەكلەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ ئۆچرەتتە تۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش