ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش كېرەك
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-09 16:26:49

ئاپتونوم رايون «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى

ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، كۆچمە داۋالاش ئەترىتى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى، تەكشۈرتۈشى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەربىر ناھىيەدىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى (جۇڭيى دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر كۆچمە داۋالاش ئەترىتى (پەرۋىش كەسپى كوللېكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى سىجىل ساقلاپ قېلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى بىلەن داۋاملىق تۈردە داۋالاش بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى قوشۇپ بېجىرىش مۇلازىمىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرىدۇ، نۇقتىلىق مۇلازىمەت مەزمۇنى ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى (مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - بازارلىق شىپاخانا)نىڭ كۈچى يەتمەيدىغان مەخسۇس كېسەل مۇلازىمىتى بولۇشى كېرەك. مەھەللە، يېزا - بازارلار ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتى تەشكىللەپ، تەۋەلىكى ئىچىدىكى نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كۆچمە داۋالاش ئەترىتىنىڭ نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ دىياگنوز قويۇشتا قىيىنچىلىقى بار تۆۋەندىكى ئاممىدىن ئىبارەت: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بېكىتكەن تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىلىنىدىغان ياشانغانلار، ئۆيىدە قالغان ياشانغانلار، تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، يېزىلاردىكى ئائىلىدە قالغان بالىلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار قاتارلىقلار؛ مېيىپلەر بىرلەشمىسى بېكىتكەن ئۆز ئالدىغا نوپۇس تۇرغۇزغان مېيىپلەر، ئېغىر مېيىپلەر؛ سەھىيە - ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان روھىي كېسەل ئاغرىقلىرى، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئېغىر كېسەل، چوڭ كېسەل ئاغرىقلىرى؛ نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى بېكىتكەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، ئاسان قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر؛ يۇقۇم مەزگىلىدە قارىغۇچىسىز قالغان بالىلار، ئوقۇغۇچىلار.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ جىددىي داۋالاش، ئامبۇلاتورىيە، دوختۇرخانىدا يېتىش مۇلازىمىتىنى، بولۇپمۇ جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر، چوڭ كېسەل ئاغرىقلىرىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەخسۇس دوختۇر يېتەكچىسى مۇلازىمىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېسەل كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، دوختۇرخانىدا يېتىشنى ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىشى كېرەك. ئۈندىدار، تور مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ھەتتا 120نى چاقىرىشنى بىلمەيدىغان، تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىشنى بىلمەيدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارغا قارىتا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، تۇنجى دىياگنوز قويۇش بۆلۈمى، باش دىياگنوز قويۇش بۆلۈمى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر ۋاقىت زىيارەت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆچمە داۋالاش ئەترىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بەلگىلەنگەن كېلىشىم باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ۋاقتىدا راسچوت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆچمە داۋالاش ئەترىتى نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا ئامبۇلاتورىيە داۋالاش مۇلازىمىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ئامبۇلاتورىيە كاپالىتى سىياسىتى بويىچە راسچوت قىلىشى؛ ئامبۇلاتورىيە تەمىنلىگەن ئالاھىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايون ئامبۇلاتورىيە ئالاھىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل كاپالىتى سىياسىتى بويىچە راسچوت قىلىشى؛ نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىمزالىغان مۇلازىمەت تۈرىنى ئائىلە دوختۇرى ئىمزالاش كوللېكتىپى تەمىنلىشى؛ نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ شەكىللەنگەن داۋالىنىش چىقىمى بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە تەۋە بولسا، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە ئاتچوت قىلىشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «ۋىراچ + پەرۋىشچى + داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمەتچى خادىملىرى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، جەمئىي 1368 كۆچمە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيگىچە بېرىپ داۋالىغان، دورا يەتكۈزگەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يەتكۈزگەن، جەمئىي 669 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغان.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش