ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ھاياتى ئارقىلىق ساداقىتىنى پۈتۈش
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-09 16:26:19

− ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش جاسارەت مەخسۇت توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى.

بۇ كۈنى، ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى ياخشى ئۇستازى، كىشىلىك ھاياتىدىكى يول باشلىغۇچىسى − ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش جاسارەت مەخسۇت كۆپچىلىك بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، ئۇنىڭ ھاياتى 57 ياشتا توختاپ قالدى.

«ئۇنىڭ كۆڭلىدە خىزمەتلا بار، پەقەت ئۆزى يوق».

«ئۇ ھەممە ئادەمنى ئويلايدۇ، پەقەت ئۆزىنىلا ئويلىمايدۇ».

...

كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ. خىزمەتنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جان تىكىپ ئىشلەيدۇ، يېشىمۇ چوڭىيىپ قالدى، يەنىلا ھەممە ئىشتا ئالدىدا ماڭىدۇ؛ باشقىلارغا شۇنچە كۆپ كۆڭۈل بۆلىدۇ - يۇ، ئۆزىگە نېمىشقا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ!

كۆپچىلىك ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئىسسىق ياشقا تولغان جۈپ - جۈپ كۆزلەردىن ئۇنىڭغا بولغان ئىززەت - ھۆرمەت ۋە سېغىنىش تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ − ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان ساداقىتىنى پۈتتى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتى ۋە سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچىلەردىن بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى.

ھاياتلىق ئاخىرلاشمىسىلا جەڭ توختىمايدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش مەركىزىدە، بىرنەچچە پارچە «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى، بىر يۈرۈش «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى» ۋە كۆرىدىغان بىرنەچچە دەستە ھۆججەت جاسارەت مەخسۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ياتىقىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە رەتلىك قويۇلغانىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ھۆججەت ئېچىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ تەستىق سالىدىغان ھۆججەت ئىدى.

بۇ جاي ھەم ئۇنىڭ خىزمەت قىلىدىغان جايى، ھەم ئۇنىڭ ئارام ئالىدىغان ئۆيى ئىدى.

«ئۈستەلدىكى بۇ ھۆججەتلەر پەقەت ئۇنىڭ ئادەتتە كۆرۈپ تەستىق سالىدىغان ھۆججەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 8 - قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن بىڭجې مۇنداق دېدى: ناھايىتى نۇرغۇن ھۆججەتلەر تەستىقلانغان ھامان دەرھال ماڭدۇرۇلىدۇ، يەنە نۇرغۇن مەزمۇن مۇھىم ئىش تۈرلىرى ۋە خىزمەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاددىيلا كۆرۈپ قويسا بولمايدۇ، يەنە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئەھۋال ئىگىلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى خىزمەتتىن باشقا، جاسارەت مەخسۇت تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بېجىرىشكە قاراتقانىدى. «ھەر كۈنى كەچتە، ئۇ ھەربىر مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىغا كۆرۈپ بېقىشقا باراتتى، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە دېلو ئەھۋالىنى تەھلىل قىلاتتى، كۆپچىلىكنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە مەدەت بېرەتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 10 - قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مو ۋېيلى مۇنداق دېدى: «قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى ھەربىر مەخسۇس دېلونى ئۇ بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ كۆرۈپ چىقاتتى، ھەمىشە سەھەر سائەت 3 - 4لەر بولغاندا، ئۇ ئاندىن قايتىپ ئارام ئالاتتى».

مو ۋېيلىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان بولۇپ، بۇنداق كۆرۈنۈشنى ئۇ كۈندە كۆرەتتى. «15 يىلدىن بۇيان، جاسارەت شۇجى ئاساسەن بىر كۈنمۇ دەم ئېلىپ باقمىدى.» مو ۋېيلى مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق چىڭ تۇرۇشنى، ئەگەر بۇ كەسىپكە بولغان چىن مۇھەببەت بولمىسا، پارتىيەگە بولغان ساداقەت بولمىسا، ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 7 - قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى جوۋ زىمىننىڭ ئېسىدە ئېنىق تۇرۇپتۇ، 2018 - يىلى 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق نازىر دەرىجىلىك بىر كادىرنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرگەنىدى، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى بۇ ئوبيېكتنىڭ باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغانىدى.

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن جاسارەت مەخسۇتقا دوكلات قىلغاندا، ئۇ چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي مۇنداق سورىغانىدى: «زادى نوقۇل <پۇل ئېلىپ ئىش بېجىرىش>تەك ئىقتىسادىي مەسىلىمۇ ياكى بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان باشقىچە مەقسەت بارمۇ؟ بىز چوقۇم مەسىلە ئارقىسىدىكى مەسىلىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك».

جاسارەت مەخسۇت شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن كادىرلار مەكتىپىنىڭ سىياسىي - قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەنىدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىڭتۇەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان بولۇپ، مول دېلو بېجىرىش تەجرىبىسى ۋە شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. «جاسارەت شۇجى بىزدىن ھەربىر يىپ ئۇچىنى چوقۇم باشتىن - ئاخىر تولۇق ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلاتتى، دەل ئۇنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان مۇشۇنداق ساداقىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولغاچقا، ئاخىر دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارىلاندى، بىز كۆپ يىل يوشۇرۇنۇۋالغان <ئىككى يۈزلىمىچى>نى تەكشۈرۈپ تاپتۇق» دېدى جوۋ زىمىن تونۇشتۇرۇپ.

ھاياتلىق ئاخىرلاشمىسىلا جەڭ توختىمايدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىرنەچچە كۈنىدە، جاسارەت مەخسۇت يەنىلا ئىككى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار بىلەن سۆزلىشىشنى تاماملاشتا چىڭ تۇردى. سۆزلىشىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئۇ يەنە ئالايىتەن «بىر ئادەمگە بىر لايىھە بولۇش، بىر ئادەمگە بىر مەزمۇن بولۇش» خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆھبەتكە چاقىرتىش خىزمەت لايىھەسى، بىخەتەرلىك لايىھەسى، سۆھبەتكە چاقىرتىش تىزىسىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى تۇتۇپ، تۈزىتىش پىكرىنى قايتا - قايتا ئوتتۇرىغا قويدى.

ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، جاسارەت مەخسۇت يەنىلا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاياتى ئارقىلىق پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز ساداقىتىنى پۈتتى.

بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش

جاسارەت مەخسۇت ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى بىر «پېشقەدەم ئەسكەر». 1988 - يىلى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئۇ ئىزچىل بىرىنچى سەپتە «تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ»، سىستېمىدىكى «ئۆتكۈر خەنجەر»گە ئايلاندى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنى باشلاپ نۇرغۇن دېلولارنى تەكشۈرۈپ بېجىرگەنىدى، ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيت ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كەلگەندە، ئۇ ھامان ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق «قىيىنچىلىق»نى يىڭىپ، ئەڭ قىيىن «تاغ چوققىسى»غا ھۇجۇم قىلاتتى، قورغاننى ئىشغال قىلمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايتتى، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايتتى.

بىر مۇھىم، زور، مۇرەككەپ دېلودا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، جاسارەت مەخسۇت مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىك دېلو يىپ ئۇچلىرىنى قايتا - قايتا تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، يىپەكنى تارتىپ غوزىكىنى چىقىرىپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، يوشۇرۇن خەۋپنى قېزىپ چىققانىدى.

جاسارەت مەخسۇت يەنە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كادىرلارغا سىياسەت، نەزەرىيە، دېلو بېجىرىش تەسىراتى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. «قىلچە مۇبالىغە قىلماي شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى تايانچلىرى جاسارەت شۇجىدىن تەلىم ئالغان» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 9 - قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسى 1 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ ۋېي.

ۋاڭ ۋېي دەل مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. 2005 - يىلى، ۋاڭ ۋېي ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىغا يېڭىدىن كىردى. ئەينى ۋاقىتتا سۆھبەت بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى خىزمەتكە قاتناشقانلار بىرقەدەر كۆپ ئىدى. سۆھبەت ئوبيېكتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىرقىسىم «چوڭ رەھبەرلەر» بولۇپ، يېڭى خىزمەتكە قاتناشقانلارنىڭ روشەنكى ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. «جاسارەت شۇجى ئەينى ۋاقىتتا 1 - ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى، ئۇ بىزدەك يېڭى خىزمەتكە قاتناشقانلارنى باشلاپ بىر - بىرلەپ سۆھبەت ئوبيېكتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشەتتى. كەچتە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇزاكىرىلىشەتتى، ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق، بىزگە سۆھبەتلىشەلمىگەنلىكىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىپ بېرەتتى ھەم سۆھبەتلىشىش ماھارىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىتەتتى.» بۇلار ۋاڭ ۋېينىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە. ئەينى ۋاقىتتا، جاسارەت مەخسۇت مۇنۇلارنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەنىدى: «ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ سۆھبىتىڭلار پارتىيەگە، تەشكىلگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.» «بۇ سۆز بىزدە ناھايىتى كۈچلۈك ئىشەنچ تۇرغۇزدى، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېلو بېجىرىشىمىزدىكى قەتئىي ئېتىقادىمىزغا ئايلاندى» دېدى ۋاڭ ۋېي.

جاسارەت مەخسۇت كۆپچىلىككە دېلونى قانداق بېجىرىشنى ئۆگىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە كۆپچىلىككە پىكىر يولىنى قانداق كېڭەيتىشنى ئۆگىتەتتى. «دېلو بېجىرىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ جاسارەت شۇجى سىزنى ئامال تاپسۇن دېمەيتتى، بەلكى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئامال تاپاتتى. ئۇ دائىم كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشاتتى، پاراڭلىشىش جەريانىدا تەپەككۇر يوللىرىمىز ئېچىلىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى ئىلھاملارنى تاپالايتتۇق.» يەن بىڭجې مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۆگەتكەن ئاشۇ قاراشلار، بىزنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ».

قەتئىي تىز پۈكمەس جاسارەت بىلەن چەكسىز ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش

جاسارەت مەخسۇتنىڭ ھاياتىدا قانچىلىغان دېلولارنى بېجىرىپ، قانچىلىغان چىرىك ئۇنسۇرلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھېچكىمنىڭ ئېنىق ئېسىدە يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «كۆزىگە قادالغان مىخ» ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن قورقۇپ قالمىدى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «مەن پارتىيە ۋە خەلقنى قانچىلىك قىزغىن سۆيگەن بولسام، بۇ مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلاردىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن! مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىر كۈن يوقىتىلمايدىكەن، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى بىر كۈنمۇ تىنچ بولمايدۇ!»

بىر قېتىم ۋىلايەت، ئوبلاستقا بېرىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دېلوسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەندە، سۆھبەت ئوبيېكتى ئىنتايىن ھەددىدىن ئېشىپ، جاسارەت مەخسۇتقا قاراپ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتا - ئاناڭلار، بالا - چاقىلىرىڭلار بار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭلار، ئىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار» دەپ ۋارقىرىغان. ئەينى چاغدا جاسارەت مەخسۇت بىلەن بىللە سۆھبەتكە بارغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 10 - قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسى 2 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن خۇيمۇ بار ئىدى. چېن خۇي مۇنداق دېدى: «بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، جاسارەت شۇجى ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىدى، ئۇ بۇ ئادەمنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئادەمنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى.» بۇنداق قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان جاسارەت چېن خۇينىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىغانىدى.

جاسارەت مەخسۇتنىڭ قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان جاسارىتى قانداق تاۋلاپ چىقىلغان؟ بىز ئۇنىڭ ياش چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىدىن جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن.

جاسارەت مەخسۇتنىڭ ئاتا - ئانىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، دادىسى ھايات چېغىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئانىسى پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرى ئىدى. «جاسارەت شۇجى ئىلگىرى بىزگە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئىللىقلىقىنى، ئاتا - ئانىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ھېسسىياتى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى تاۋلاپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، جەمئىيەتتە پەيدا بولغان بىر قىسىم خاتا ئىدىيە ئېقىمى ئالدىدا، دادىسى ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: شامالغا ئەگىشىپ كېتىشكە، گاڭگىراپ قېلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەنىدى» دېدى يەن بىڭجې.

بۇ غايە - ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈككەن جاسارەت مەخسۇت پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىغا مۇنداق دەپ يازغانىدى: كىشىلىك ھاياتتا ئىنتىلىش بولمىسا بولمايدۇ. نىشان بولمىغان، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بولمىغان كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن بالدۇرراق جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسىگە كىرىپ، خەلققە، ۋەتەنگە تېخىمۇ ياراملىق كىشى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن...

ھەربىر شەرەپ ئۇنىڭ ساداقىتى ۋە قەسىمىگە گۇۋاھ بولدى − خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر كادىر، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى، چوڭ دېلو، مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن 1 - دەرىجىلىك، 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى...

جاسارەت مەخسۇتنىڭ ھايات چېغىدىكى ئىشلىرىنى ئەسلىگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ ھايات چېغىدا ئەڭ ياقتۇرىدىغان «قىزىليۇلتۇز كۈرەش يولۇمنى يورۇتماقتا» دېگەن ناخشىنى ئېسىگە ئالاتتى.

بۇ بىر ناخشا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى ئىدى.

قېنى ئاڭلايلى، كىچىككىنە زىيارەت قىلىش ئۆيىدىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى: «چاقناپ تۇرىدۇ قىپقىزىل يۇلتۇز، يورۇتتى ئۇ مېنىڭ كۈرەش يوللىرىمنى...»

بۇ ناخشا نۇرغۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ قەلبىدىكى ناخشىغا ئايلاندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش