ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

نەزلە جەۋھىرى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-09 16:25:21

ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى دورا

نەزلە جەۋھىرى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ يۆ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى دورا نەزلە جەۋھىرى دۆلەت دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، كىلىنىكىدا سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

نەزلە جەۋھىرىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى ھاجىئەكبەر ئەيسا باشچىلىقىدىكى تېما گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، زۇكامنى، بولۇپمۇ ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدىغان دورا.

2013 - يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى بىلەن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ھەمكارلىشىپ، پايدا ئالمايدىغان تەتقىقات ئاپپاراتى شىنجاڭ بىيو تېببىي دورىدا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتىنى بىرلىشىپ قۇردى. بۇ تەتقىقات يۇرتى ئىلغار دورا ئانالىز قىلىش ئەسۋابى ئۈسكۈنىسى ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىسى، خام ماتېرىيال دورىسى، سۇيۇق دورا قاتارلىق دورا تىپىدىكىلەرنىڭ زامانىۋى ئوتتۇرا كۆلەملىك سىناق لىنىيەسىنى ھازىرلىغان بولۇپ، مۇكەممەل ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەر ۋە سىناق مۇھىتى يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بىيو تېببىي دورىدا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتى توققۇز خىل يېڭى دورا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى، نەزلە جەۋھىرى تۇنجى بولۇپ كىلىنىكىلىق تەستىق ھۆججىتى ئالغان دورا ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلاردىن دۆلەتنىڭ دورىنى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش تەستىق ھۆججىتىگە ئېرىشكەن تۈر 27 بولۇپ، بازارغا كىرىش تەستىقىغا ئېرىشكەن يېڭى دورا («دۆلەت دورا تەستىق نومۇرى» تەستىق ھۆججەت نومۇرىغا ئېرىشكەن)دىن ئالتىسى بار.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش