ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

«ئىككى تىزىملىك» كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-04-09 16:24:40

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇردى

«ئىككى تىزىملىك» كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى ئىجابىي تىزىملىكنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرغان؛ نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئىجابىي تىزىملىكنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال كۈچ قوشقان.

ئىگىلىنىشىچە، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى ئىجابىي تىزىملىكنى يولغا قويۇشتا، بىرىنچىدىن، زەھەرلىك، زىيانلىق ھەم خەتەرلىك بۇيۇملارغا چېتىلمايدىغان ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش كەسپى قاتارلىق ئون چوڭ تۈر، 30 كىچىك تۈردىكى كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە كەچۈرۈم قىلىش، باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن؛ ئىككىنچىدىن، مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆجۈملەشكەن قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار قۇرۇلۇشلار، جەمئىيەت ئىشلىرى ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرى قاتارلىق 17 چوڭ تۈر، 44 كىچىك تۈردىكى كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش - ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

«نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئىجابىي تىزىملىكنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەرقلىق مۇھىتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان كارخانىلارغا <ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق>، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارغا <شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈش> مەقسەت قىلىنغان.» ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ما خۇڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى ئەڭ يېڭى بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىشىنى تەكشۈرۈشنى بىكار قىلىپ، نەق مەيدانغا بارمايلا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شەكلىنى يولغا قويۇپ، توردا نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ نەق مەيدانغا بارمايلا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي تىزىملىكنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش