دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىمەن

شىنجاڭ ياخشى جاي . يىپەك يولىدىكى ناننىڭ مەززىلىك ھىدىگە باغلانغان رىشتە
3 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ نان كەسپى بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى جېڭجوۋدا باشلاندى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-17 17:13:22

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ خۇڭبېي خەۋەر قىلىدۇ) 3 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ نان كەسپى بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرى جۇڭيۈەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ گودىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىياز، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن جىشېڭ، خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى شېن يەنپىڭ، خېنەن ئۆلكىلىك سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى فېي چۈەنفا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇنجان ئېلى قاتارلىق رەھبەرلەر باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گاۋ جىمىن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋۇ گودىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىم 100 دىن ئارتۇق كارخانا 200 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ، خېنەن خەلقىنىڭ نان مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، شىنجاڭچە ئېسىل تەمنى يېقىن ئارىلىقتىن تېتىشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. نان كەسپى بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ــ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرى بولۇپ، خېنەن خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىدۇ. خېنەن تاراتقۇلىرى شىنجاڭنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ، ناننىڭ مەززىلىك ھىدىنى ھەممە ئائىلىگە تارقىتىدۇ، ئىشىنىمىزكى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشى ئىككى جايدىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختىنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش،    

باغ ـ ئورمانچىلىقنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش پىكىر يولىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى ئاچتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ نانچىلىق كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، بازار ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ماركا ياراتتۇق، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نان ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 387 سى، مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىدىن 402سى، يەككە سودا ـ سانائەتچىدىن 467 سى بار بولۇپ، كىشمىش نان، گۈلقەنت نان قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىش ئالدىدا، نان شىنجاڭدىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز ئىچى ـ سىرتىغا ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇشنى نامايان قىلىشتىكى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي . يىپەك يولىدىكى ناننىڭ مەززىلىك ھىدىگە باغلانغان رىشتە» باش تېما قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ نان كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ئاساسلىق تاماققا ئىش قوشۇش كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىنىپ ۋە كۆرگەزمە قىلىنىپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، مول بولغان نان مەھسۇلاتلىرى ۋە تۈرلۈك داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ بىلەن خېنەننىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە سۇپا ھازىرلاپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، باغ ـ ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا ئىش قوشۇش، نانچىلىق قاتارلىق 10 چوڭ كەسىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، خېنەن ئۆلكىسىمۇ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازىسى، ئەلا سۈپەتلىك باغ ـ ئورمانچىلىق بازىسى، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات بازىسى قاتارلىق 10 چوڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇش نىشانى ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، كىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. خېنەن ئۆلكىسى، ھەتتا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى تونۇپ، شىنجاڭنى چۈشىنىپ، سودا پۇرسىتى ئىزدەپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە بۇرۇنقىدەكلا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر، مېھمانلار كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، مەھسۇلاتلارنى باھالاپ، ئاقسۇ كۆرگەزمە رايونىدا كۆرگەزمە قىلىنغان نان مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا 100 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان، سېتىش رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 2000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاستتىن كەلگەن نانچىلىق، باغ ـ ئورمانچىلىق، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 100 نەچچە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى نەق مەيداندا 200 خىلدىن كۆپرەك ناننى كۆرگەزمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. ۋىلايىتىمىزنىڭ 10 كۆرگەزمە ئورنى بار بولۇپ، كۇچا چوڭ نېنى، ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى، كەلپىن چامغۇرى قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنغان.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ كەيشۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش