دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىمەن

كۆكيار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاقسۇ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-17 17:11:28

مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇدا 34 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق ــ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان كۆكيار ئىلگىرىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان يارداڭلىق، ئازگالدىن ھازىرقى مىليون مولۇق يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، مېۋىلەرنىڭ خۇشبۇي ھىدىگە تولغان باغۇ ـ بوستانلىققا ئايلىنىپ، قۇملۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى ئالتە كىلومېتىرلا كېلىدىغان ئاقسۇ شەھىرى غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى «دۆلەتلىك ئورمان شەھىرى» بولۇپ باھالاندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ بۇ يېشىل مۆجىزىنى «دۇنيادىكى 500 گۈزەل مەنزىرە» قاتارىغا كىرگۈزدى.

(«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ــ ئاقسۇنىڭ كۆكيارنى ‹كۆكەرتىشيولى» ناملىق نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتىدىن ئېلىندى)

يېقىندا، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ــ ئاقسۇنىڭ كۆكيارنى ‹كۆكەرتىشيولى» ناملىق نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ كىشىنى ھاياجانغا سالدى. مۇخبىر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە بۇ نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتىنىڭ ئاپتورى ــ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى كۇرسانتلار بۆلۈمىنىڭ لېكتورى رەن يىدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بۇ دوكلاتنى يېزىپ چىقىشىنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

كۆكيار روھىنى ياخشى سۆزلەش

رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشى ئاساسلىقى ئاقسۇنىڭ قاقاسلىقنى كۆكەرتىشىدىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىندۇر. كۆكيار روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ناچار مۇھىت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق كۈرەش قىلغانلىقى، شۇنداقلا قىزىل روھنىڭ جانلىق يەشمىسى. بۇ روھنى يەنە 359 ـ لۈ روھى، نەننىۋەن روھى دېيىشكە، جۈملىدىن 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ تەرىپلىگەن مىللىي روھ، دەۋر روھى، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا روشەن مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.

رەن يىدۇڭ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە ئىزچىل تۈردە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، كۆكيار روھى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەزەرىيە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا مەسئۇل بولۇپ، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي ماقالە يازغان ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق دەرس تېمىسى تۈزگەن. 2019 ـ يىلى، ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە مەكتەپلىرى سىستېمىسىنىڭ سەرخىل دەرس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىكلەر بويىچە 1 ـ لىككە ئېرىشكەن؛ ئۆزى ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ سەرخىل دەرس مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ باھالانغان.

رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: 2017 ـ يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قاقاسلىقنى كۆكەرتىش، تۈزەش توغرىسىدىكى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان تۆت تىپىك مىسالنى تىلغا ئېلىپ ماختىدى، ئاقسۇنىڭ قاقاسلىقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. 2019 ـ يىلى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ دەرسلىكنى مەخسۇس تەييارلاپ، كۇرسانتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتىم.

بۇ يىل 6 ـ ئايدا، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيە «تور» لېكسىيەسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئالتۇن مېداللىق تەشۋىقاتچى نامىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ دوكلاتنى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم تۈزەتتىم، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ماڭا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم رىغبەتلەندۈرۈش بولدى.

ئىجادىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، رەن يىدۇڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆكيار خاتىرە سارىيى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى (مۇزېي)، 359 ـ لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خام ماتېرىيال توپلىدى.

رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشىگە قاراڭە، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاۋۋال سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى، ئاندىن فېڭچۈەنخې باغچىسى، بەخت باغچىسى، مەرھابا باغچىسى، لوڭتەنخۇ باغچىسى كەينى ـ كەينىدىن قۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان جايى تېخىمۇ كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قاقاسلىقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردۇر. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاقسۇنىڭ ئورمان ـ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاران %3.3 ئىدى، ھەر يىلى ئاز بولغاندا 100 كۈن قۇم ـ بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلەتتى، ھازىر كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن باشلىغاندا، سۈنئىي ئورمان كۆلىمى 5 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىپ، غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى دۆلەتلىك ئورمان شەھىرىگە ئايلاندى. دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى باغ ـ ئورمانچىلىقتىن كېلىدىغان بولۇپ، ئېكولوگىيە گۈزەل، پۇقرالار باي بولۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشتى.

كۆكيار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

بۇ نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتى ئاساسلىقى ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى ئالدىن يولغا قويغان رايون بولۇش جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، «ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ» دەيدىغان مۇھىم ئىدىيەنى نامايان قىلىپ، كۆكيارنى كۆكەرتىش مۆجىزىسىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا غەلىبە قىلىشتىكى تۈپ كاپالەت ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىدە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن مۇھىم ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەش تەدبىرلىرى، «ئادەملەر بىلەن تەبىئەت ئىناق، ئورتاق ياشاش» مۇھىم ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى روھىي كوردىناتىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، نەزەرىيە يۈكسەكلىكى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش چوڭقۇرلۇقى، تەشۋىقات كەڭلىكىگە ئىگە.

رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: «كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تەزكىرىسى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىقلارنى ئوقۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان «بوز يەر ئاچقۇچى»لاردىن بىلىم ئالدىم، كۆكيارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، نۇرغۇن نەرسىنى بىلدىم. بۇلاردىن پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش روھى بىلەن، ئەۋلادلارغا بەخت ياراتقانلىقىنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ.

نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتىدا: «34 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇلۇقلارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن كۆكيار روھى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى قۇم ـ بوران ئەتىيازدا ئەۋجىگە چىقىدىغان، ساپسېرىق قۇملار ئاسماننى قاپلىغانكۆكيارنى نەچچە مىڭ گېكتار تىرەكلەر قەد كۆتۈرگەن، نەچچە 10 مىڭ مولۇق باغلار ياشىرىپ تۇرغانكۆز يەتكۈسىز ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرغانلىقى، جەمئىي 1 مىليون 153 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىنغان كۆكيارنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بوستانلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدىغان يېشىل سېپىلغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى يېشىل مۆجىزىنى ياراتقانلىقى، ئاقسۇنىڭ قاقاسلىقنى كۆكەرتىشتەك كۆكيار روھىنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئاقسۇ بىپايان تۇپرىقىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقئىكەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىقدېگەن ئىدىيەگە يەنە بىر جانلىق مىسال قوشۇلغانلىقنىڭ دەلىلى» ئىكەنلىكى يېزىلغان.

رەن يىدۇڭ مۇنداق دېدى: كۆكيار روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولسا قىزىل مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھەم مىللەت روھىنىڭ ناماياندىسىدۇر، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن بۇ دەرسنى ياخشى سۆزلەپلا قالماستىن، يەنە نەزەرىيە لېكسىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارغا يەتكۈزىمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش