دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىمەن

مەدەنىيلىك گۈللىرىدىن ھاسىل بولغان بەخت مېۋىسى
​ ــ شايار ناھىيەسى شايار بازىرىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت ـ بازار» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-17 17:08:11

مۇخبىرىمىز ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈمىن

شايار ناھىيەسىنىڭ شايار بازىرىدا، يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆكەرتىش بەلباغلىرى تولىمۇ رەتلىك بولۇپ، پىيادىلەر ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۆز يولىدا تەرتىپلىك ماڭاتتى. «ئاۋايلاپ مېڭىڭ». ھەر قېتىم ئىشقا چىقىدىغان ۋە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ھەرقايسى يول ئېغىزلىرىدىكى مەدەنىي قاتناش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشانغانلار ۋە بالىلارنى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قوياتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار بازىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك يېزا ـ بازار» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، يېقىندا 6 ـ نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت ـ بازار» شەرىپىگە ئېرىشتى.

مەدەنىي ياكى ئەمەسلىكتە، ئالدى بىلەن مۇھىتقا قاراش كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شايار بازىرى تۇرالغۇ مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئەسلىدىكى يول چىراغلىرىنى رېمونت قىلىپ، بىرقىسىم ئارقا كوچلارغا يول چىرىغىنى كۆپەيتىپ ئورنىتىپ، كەنت ـ مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسىدە يول چىرىغى يورۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېقىنقى ئۈچ يىلدا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن بازاردىكى ئاساسلىق غول يول ۋە كىچىك كوچا يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %98 كە يەتكۈزدى.

مۇھىت ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكىنى ئامما بولدى. شايار بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى زەينۇرەم مۇھەببەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، بازىرىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى، كۆكەرتىش كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان تەنتەربىيە باغچىسى، يەنمىڭخۇ سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىقلار كۆپچىلىكنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىكى ياخشى جايىغا ئايلاندى.

تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە، شايار بازىرى قەرەللىك ھالدا گۈزەل ھويلا ـ ئاران نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، ئۈلگىلىك ئائىلىدىن 40 نەچچىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مۇھىتنى ئاسرايدىغان، مەدەنىيلىككە ئىنتىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.

61 ياشلىق روزى ساتتار شايار بازىرىنىڭ چىنىباغ كەنتىدىكى دېھقان، شۇنداقلا بازار بويىچە تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشى ئۈلگىلىك ئائىلىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھويلىسى رەتلىك، پاكىز بولۇپ، ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىسى پارقىراپ تۇراتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئۆينى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا، راھەت ھېس قىلىمىز، ئايالىم گۈل ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھويلىمىز تولىمۇ ئىللىق.

پۈتۈن بازار بويىچە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلە بەرپا قىلغاندىن سىرت، 2018 ـ يىلىدىن باشلاپ شايار بازىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللە (كەنت)لەر ھەر ھەپتىدە تازىلىقنى باھالاش پائالىيىتىنى بەس ـ بەستە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شايار بازىرى شۆيۈەن مەھەللىسىدىكى 67 ياشلىق پەرىدەم ياسىن مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىم ــ ئۆينىڭ ئىچى ـ سىرتىنى پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلاش.

ئۇنىڭدىن باشقا، شايار بازىرى يەنە مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى پونكىتىدىن 16 نى، دېھقانلار كۇتۇپخانىسىدىن 19 نى، مەدەنىيەت چوڭ ئۇسسۇل سەھنىسىدىن 14 نى قۇردى، ياڭگىر ئەترىتى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئەترىتى، بەلدۇمباق ئەترىتى، ئەجدىھا ۋە شىر ئۇسسۇلى ئەترىتى، مەيدان ئۇسسۇلى ئەترىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كىرىشىش شەكلىدىكى ئولتۇراق رايوندىن 42 نى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شايار بازىرىدا ھەممە ئادەم پىدائىي بولۇپ مەدەنىي كەنت ـ بازار بەرپا قىلىشقا قاتنىشىشتەك قويۇق كەيپىيات شەكىللەنگەن. كۆپ يىلدىن بېرى، بۇ بازار يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى (ئورنى)نى سۇپا قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئاممىنى قوزغاپ «قىزىل جىلىتكە» ئامانلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات يارىتىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن 10 نى قۇرۇپ، ھەممە ئائىلىگە مۇلازىمەت قىلدى. ھازىرغىچە، 15 مىڭ پىدائىي قاتناشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كوچىلارنى تازىلاش، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىدىن 25 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇپ، «ھەممە ئادەم بەرپا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەممە ئادەم بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش»تەك ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

شايار بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شياۋكۈن مۇنداق دېدى: «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت ـ بازار» دېگەن نام شان ـ شەرەپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر مەسئۇلىيەت. بىز مەدەنىي كەنت ـ بازار بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش