ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىمەن
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ خۇڭبېي خەۋەر قىلىدۇ) ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 3 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ نان كەسپى بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى جېڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋىلايىتىمىز كارخانىلىرى خېنەن كارخانىلىرى بىلەن «قول تۇتۇشۇپ» 270 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى.
كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر: ئاقسۇنىڭ ئۆزگىچە نان مەھسۇلاتلىرى، ئورگانىك ئۇن ۋە شاتۇت، چىلان، ھەسەل، ياڭاق، قارا ئالقات، لوپنۇر كەندىرى چېيى، بادام قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىدۇ.
بۇ قېتىملىق تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئەلنۇرى نان مەدەنىيىتى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جېڭجوۋ ماۋگو سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن 120 مىليون يۈەنلىك چوڭ زاكاز ئىمزالىدى.
شىركەتنىڭ سېتىش دىرېكتورى دىلشات روزاخۇن مۇنداق دېدى: بىز نان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە نان مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدۇق، شۇنداقلا نان مەدەنىيىتىنى ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نان ئارقىلىق شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.
جېڭجوۋ ماۋگو سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ گاۋكې مۇنداق دېدى: 2019 ـ يىلى مەن بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەكشۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئەلنۇرى نان مەدەنىيىتى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىدىم، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب: بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ نان مەدەنىيىتىگە كۆزۈم چۈشكەنلىكىدە.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تۇرسۇن ئېلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ كەيشۈەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئاقسۇ نان كەسىپ باغچە رايونى تونۇشتۇرۇلدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش