ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى CBAنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-09-19 16:41:55

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋىرى): «ھازىر، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بارلىق ماھىرلىرى يىغىلىپ بولدى، دۆلەت كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ئۈچ ماھىرمۇ كوماندىغا قايتتى، ھازىر يېڭى مۇسابىقە پەسلىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتىمىز.» 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى گو جيەن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېبول كوماندىسى ماھىرلىرى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى يىغىلغان بولۇپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلى يازلىق مەشىق مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى باشلاپ بولدى، شۇ ۋاقىتتا، دۆلەت كوماندىسىدا ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئۈچ غوللۇق ماھىر قىرانبېك، جوۋ چى، ئابدۇسالام ئابدۇرېشىتتىن باشقا قالغان ماھىرلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كەلگەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تارىختىن بۇيان، مۇسابىقە تەييارلىقىغا ئەڭ بالدۇر يىغىلغان بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۈچ ئاي مەشىقنى باشتىن كەچۈرگەن ماھىرلارنىڭ مۇسابىقە تەييارلىق ھالىتى ناھايىتى ياخشى» دېدى گو جيەن.

يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قوشۇنىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. لى گېن، سۈن تۇڭلىن، جوۋ يىشياڭ، ۋاڭ زىرۈي قاتارلىق ماھىرلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كوماندىدىن ئايرىلدى، كۇلۇپ جوۋ چى ۋە شىرئەلىجاندىن ئىبارەت كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۆھپە كۆرسەتكەن ئىككى ماھىرنى كۈتۈۋالغاندىن باشقا يەنە ياشلار كوماندىسىدىن ئالتە ياش ماھىرنى كوماندىغا قوشۇۋالدى. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى چۇڭچىڭ شەھىرىگە بېرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، 10- ئايدا جياڭشى شاڭراۋدا CBA بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش