دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق يىگىت لى جىڭلياڭ دۇنياۋى داڭلىق ماھىرنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا جەڭ ئېلان قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-21 17:16:00

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، UFC ئېلىشىش كېچىلىكىنىڭ 184-قارار مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تارباغاتايلىق يىگىت لى جىڭلياڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا رەقىبىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى — سانتىياگو پېنزنېينى مەغلۇب قىلدى.

«بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق يەنە بىر قېتىم باجياۋلۇڭدا لەپىلدىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ! يېڭى بىر يىلدا، بۇ غەلىبىنىڭ كۆپچىلىككە ۋە ماڭا يېڭى باشلىنىش، يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! %91 ئادەم مېنى ئانچە ياخشى ئەمەس دەپ قارىسىمۇ، لېكىن مەن دۇنياغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، جۇڭگو كۈچىگە مەڭگۈ سەل قارىماڭ! مۇسابىقىدىن كېيىن، 33 ياشلىق لى جىڭلياڭ غەلىبە تەسىراتىنى سۆزلىدى.

ئاخىرقى ئېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى (UFC)، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسال ئېلىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر يىلى 20 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى «UFC ئېلىشىش كېچىسى» مۇسابىقىسى ئەبۇزەبىنىڭ ياس ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن، %91 چەتئەللىك تورداش ۋە بوكس مەستانىسى لى جىڭلياڭنى يېڭەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. لى جىڭلياڭنىڭ رەقىبى پېنزنېي ئىلگىرى UFC دا يەتتىنچى ئورۇندا تۇرغان، كەسپىي ھاياتىدا 27 قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئۈچ قېتىم ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بار.

غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، لى جىڭلياڭ خۇشال ھالدا تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنتايىن ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئىشەنمەيدۇ، لېكىن مېنىڭ ترېنېرىم، ئائىلەمدىكىلەر مېنى قوللايدۇ، يەنە مېنىڭ مەستانىلىرىم سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ مۇسابىقەمنى كۆرىدۇ، رەھمەت سىلەرگە، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم» دېدى.

بۇ قېتىم لى جىڭلياڭ ئىلگىرى دۇنيا بويىچە 7- ئورۇندا تۇرغان پېنزنېينى مەغلۇپ قىلدى، بۇ جۇڭگو ئەر ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئون ماھىرنى مەغلۇپ قىلىشى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ رەت تەرتىپىدە بىر قېتىم پۈتۈنلەي يېڭى يۈكسىلىش بولۇشىدىن ئۈمىد بار. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، لى جىڭلياڭمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيونلۇققا جەڭ ئېلان قىلىش نامزاتلار قاتارىغا كىردى، ئۇ ئەڭ دەسلەپكى ئارزۇسىغا بارغانسېرى يېقىنلاشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش