ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

شيې خۇي جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى نەنتۇڭ جىيۈن كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرى بولدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-04-08 18:31:13

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ دۇڭيۈەن، ۋاڭ خېڭجى): 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى بىلەن جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى نەنتۇڭ جىيۈن كۇلۇبى بىرلىشىپ، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ماھىرى شيې خۇينىڭ نەنتۇڭ جىيۈن كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شاڭگاڭ كۇلۇبى: «شيې خۇينىڭ كۇلۇبقا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تىرېنېرلىق ھاياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

شيې خۇي 2015-يىلى شاڭگاڭ گۇرۇھىنىڭ پۇتبول كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ، تەييارلىق كوماندىسىغا تىرېنېر بولغان. 2016-يىلدىن 2019-يىلغىچە، بىرىنچى سەپتىكى كوماندىنىڭ ياردەمچى تىرېنېرى بولغان، تۆت مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان، ئۇ كوماندا بىلەن بىللە 2018-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە 2019-يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.

نەنتۇڭ جىيۈن كۇلۇبى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدىكى ياش تىرېنېرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شيې خۇي قالتىس ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، پۇتبولچىلىقتىكى ئىلغار ئىدىيەنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە، شۇنداقلا ياش ماھىرلارنى قېزىشقا ماھىر، تاكتىكا، ئىدىيە جەھەتتە ھۇجۇمغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ كۇلۇبنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ».

شيې خۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەن ئۇزۇندىن بۇيان جىيۈننىڭ مۇسابىقىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، بولۇپمۇ جىيۈننىڭ ئۆز مەيدانىدىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىغا قايىل بولدۇم، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە نەنتۇڭ جىيۈن كوماندىسىنىڭ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇماي، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، توپ مەستانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ غەلىبە شادلىقى ئاتا قىلىپ، نەنتۇڭدىن ئىبارەت بۇ چاڭجياڭ دېلتىسى مەرۋايىتىغا تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىشىگە ئىشەنچىم بار.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش