ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ATP ۋە WTA يەنە قوشما بايانات ئېلان قىلدى: تېننىس توپ مۇسابىقە پەسلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-04-08 18:30:36

خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، WTA ۋە ATP يەنە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ATP بىلەن WTA سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ATP ۋە WTA قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن، 2020-يىللىق كەسپىي تېننىس توپ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ۋاقتىنچە 6-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، ماھىرلارنىڭ جۇغلانما نومۇر رەت تەرتىپىنىڭ ۋاقتىنچە توڭلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ مادرىد ۋە رىمدىكى ATP/WTA بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ستراسبۇرگ ۋە راباتتىكى WTA مۇسابىقىسى شۇنداقلا ميۇنخېن، ستورىل، جەنۋە ۋە لىئوندىكى ATP مۇسابىقىسى، شۇنىڭدەك ATP رىقابەت مۇسابىقىسى ۋە ITF دۇنيا تېننىس توپ سەييارە مۇسابىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋىمبلېدون تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسلىدە 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020-يىللىق ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن، WTA ۋە ATP قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ATP ۋە WTA سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بۇ يىلقى بارلىق ئوتلاق مۇسابىقە پەسلىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش