ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-04-08 18:30:05

خەلق تورى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ لېي): بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئايىنىڭ 30-كۈنى كەچتە، خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى 2020-يىللىق دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېۋگېن يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى قوللايمىز. بىز نۆۋەتتە ئورېگون ئىشتاتى ئېۋگېن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچىلەر بىلەن 2022-يىللىق يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى ۋاقتىنى بېكىتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش