ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئۈچىنچى چەت ئەللىك ماھىرنى تاللىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-04-08 18:29:41

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جېڭ، جاڭ يىفېي): لياۋنىڭ سەنشېڭ ئۇچار قاپلان ۋاسكېتبول كۇلۇبى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈچىنچى چەت ئەللىك ماھىر نامزاتى يەنى ئامېرىكىلىق توپچى مايونىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى شېنياڭغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە 14 كۈن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى دېدى. ئايرىلىپ تۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مايونىڭ بەدەن تەكشۈرتۈپ ۋە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈچىنچى چەت ئەللىك ماھىر ئىزدەش خىزمىتى چاغاندىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش پىلانى يوق بولۇپ، ئاساسلىقى كوماندىدىكى چەت ئەللىك ماھىرنى كۆپەيتىش كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مايو ئىلگىرى NBLدىكى خۇنەن يۇڭشېڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان بولۇپ، كوماندا ئۇنى خېلى چۈشىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ جۇڭگو ۋىزىسى بار بولۇپ، لياۋنىڭغا كېلىشى بىر قەدەر قولايلىق ئىكەن، شۇڭا لياۋنىڭ كوماندىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈچىنچى چەت ئەللىك ماھىرىنى مايو دەپ بېكىتكەن.

لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كوماندىنىڭ ئەسلىدىكى ئىككى چەت ئەللىك ماھىر سىتىفېنسون بىلەن باس ھازىر يەنىلا ئامېرىكىدا مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش