ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

چىڭداۋدا چىڭمىڭ بايرىمىلىق ۋاكالىتەن تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2020-04-03 19:06:33

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىڭداۋ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى چىڭمىڭ بايرىمىلىق ۋاكالىتەن تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلماقتا.

  شۇ كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ئورگانلىرى 2020-يىللىق چىڭمىڭ كوللىكتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش ۋاكالىتەن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىغا ۋاكالىتەن ئالەمدىن ئۆتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چىڭداۋ شەھىرىدىكى ھەرقايسى دەپنە مۇراسىمى سارايلىرى، قەبرىستانلىقلار، جەسەت كۈلى سارايلىرى ۋە باشقا دەپنە مۇراسىمى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى نەق مەيداندىكى ئاممىۋى تەزىيە-قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتقان، جەسەت كۈلىنى كوللىكتىپ دېڭىزغا چېچىش ۋە ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەشنى توختاتقان. ئائىلىدە ئەسلەش، توردا تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆلگۈچىلەرنى ياد ئېتىش، كونىلارنى سېغىنىش تەشەببۇس قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش