ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىشتىكى بەش چارە
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-08-19 19:00:39

1. يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش قۇتىسى ياكى يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىغا سېلىپ توڭلاتقۇدا ساقلاش. توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەر پۇرىقىنىڭ بىر-بىرىگە سىڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سالغاندا، ئەڭ ياخشىسى يېڭى ساقلاش خالتىسى ياكى يېڭى ساقلاش قۇتىسىغا سېلىش كېرەك.

2. مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇدا ساقلاشتىن ئىلگىرى ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش. كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇغا سېلىشتىن ئىلگىرى كونا، بۇزۇلغان يوپۇرماقلىرىنى ئىلغىۋېتىپ ھەمدە پاكىز يۇيۇپ، توڭلاتقۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

3. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىشتىن ئىلگىرى قان دېغىنى پاكىز يۇيۇش. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان دېغى ئاسانلا باكتېرىيە كۆپەيتىپ، غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، ئاۋۋال گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان دېغىنى پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىغا چىڭ ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلمىسىگە سېلىش كېرەك.

4. توڭلاتقۇ بوشلۇقىنى رايونغا ئايرىپ ئىشلىتىش. توڭلاتقۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پاكىز بولۇشى ھەمدە غەيرىي پۇراقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئۈستىدە، خام يېمەكلىكلەرنى ئاستىدا ساقلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى رايونلارغا ئايرىپ ساقلاش كېرەك.

5. توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش. توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى قەرەللىك تازىلاپ رەتلەش، توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاش ئارقىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ. توڭلاتقۇنى تازىلىغاندا ئالدى بىلەن توڭلاتقۇنى توكتىن ئايرىپ بارلىق يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدىن چىقىرىۋېلىش، ئاندىن ھۆل يۇمشاق لۆڭگىدە مەخسۇس توڭلاتقۇ تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن تۇڭلاتقۇنى سۈرتۈش كېرەك؛ تازىلاپ بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە كىچىك بىر قۇتا سودا قويۇپ قويغاندا، توڭلاتقۇدا غەيرىي پۇراق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش