دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ماسكا ھەر بىر ئادەمنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلىنىشى كېرەك
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-19 19:15:28

نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، خەينەن ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ماسكا ھەر بىر ئادەمنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلىنىشى كېرەك.

ماسكىنى قانداق قىلغاندا توغرا تاقىغىلى بولىدۇ؟

ماسكىنى تاقاشتىن بۇرۇن، ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى تازىلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك. ماسكىنىڭ ئالدى-كەينىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك، ماسكىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا بىلەن تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى ئىشلىتىشتا چەك قويىلىدىغان بولۇپ، ماسكىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ئىشلىتىش، قىزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ماسكىنى قانداق قىلغاندا پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ؟

تەكرار ئىشلىتىشكە تېگىشلىك ماسكىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز، قۇرغاق ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇش ياكى ئۇنى پاكىز، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان قەغەز خالتىغا سېلىپ قويۇش كېرەك. ماسكىنى ئايرىم ساقلاپ، ئۆزئارا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش ھەمدە ماسكىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

زاپاس ماسكىنى ئەسلىدىكى ئوراش خالتىسىدا ساقلاش كېرەك، ئەگەر مۇستەقىل ئورالمىغان بولسا بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك خالتىسىدا ساقلاشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماسكا ھۆل بولۇش، مەينەت بولۇش ياكى شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ساغلام كىشىلەر ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ماسكىنى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش تەلىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش