دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

رازى بولمىغان بەدەلنى تۆلىمىگەن ياخشى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-12-29 18:21:43

 رېئال تۇرمۇشتا، ئاسانلا پەيدا بولىدىغان مۇنداق بىر خىل ھېسسىيات ئەندىزىسى بار: شارائىتى يامان ئەمەس ئاياللار ھېسسىياتتا ئۆزىگە مۇناسىپ ئىشەنچنى ئىپادىلىمەي، ئەكسىچە ھەممە ئىشتا يول قويۇش ۋە بەدەل تۆلەشكە ئادەتلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاغرىنىپ: ئەسلىدە مەن قۇربانلىق بەرسەم ۋە بەدەل تۆلىسەم ئۇ مېنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن قايتا-قايتا دەپسەندە قىلىندىم» دېيىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

  بەدەل تۆلىگەنسېرى خۇشال بولالمايدۇ

   ئائىلە ئۈچۈن بەدەل تۆلەش خاتامۇ؟ ئەلۋەتتە توغرا، ھەر قانداق ئائىلە كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇشقا موھتاج. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بەك كۆپ ئاغرىنىپ كەتتىڭىزمۇ-يوق. بىز باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرگە ئىلھام بېرىمىز، لېكىن باشقىلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل سەۋەبلىك، كۆڭلىڭىزدە نارازىلىق ۋە ئاداۋەت بار بولسا، بەدەل تۆلىشىڭىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىڭىزنىڭ ئويۇنى بولۇپ قالىدۇ.

  سىز تۆلىگەن بەدەلگە قارشى تەرەپ ئېھتىياجلىقمۇ

  بۇنداق بەدەل تۆلەشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشەلمەي ئاسانلا ئاغرىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدۇ؛ سۆيۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشى ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولىدۇ، باشقىلارغا زور تەسىر كۆرسەتسەم دەيدۇ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى كونترول قىلىش ئارزۇسىدا بولىدۇ.

   بۇ خىل كىشىلەر كۆرۈنۈشتە مۇھەببەت ئاتا قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت ئىزدىگۈچىلەردۇر. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھەمىشە ياخشىچاق بولۇش ۋە كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ.

  چەكتىن ئاشقان ياخشىچاقلىق. بۇ خىل كىشىلەر بىر تەرەپتىن بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىچاق بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلار ئۆزىگە موھتاج بولغان تۇيغۇدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت كەمچىل. ئۇلار ھەمىشە ئۆز ئېھتىياجىغا سەل قارايدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلاردىكى روھىي ھالەت تەڭپۇڭسىزلىشىپ، قەلبى ئاغرىنىش ۋە تەن بەرمەسلىككە تولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنى بەدەل تۆلەشتىن توختاتسىڭىز، ئۇلار ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ، ھەمدە خۇشال بولالمايدۇ، سىزنى ئەمدى ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ مۇھەببىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن خاتىرجەم بەھرىمەن بولۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، پەقەت بەدەل تۆلەشكە ئالماشتۇرغاندىلا، ئاندىن كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ. ئەمما، ئۇلاردا مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياج بار، پەقەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى پەردازلاپ، ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەمىشە قارشى تەرەپ ئۈچۈن زىيادە بەدەل تۆلەش، ياخشىچاق بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مۈجمەل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار دائىم ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ.

   كونترول قىلىش: بىر تەرەپتە زىيادە كۆپ ئارىلىشىۋېلىش، ئارىغا كىرىش، باشقىلارنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى بار بولۇپ، دائىم ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى ۋە تاجاۋۇز قىلىش خاراكتېرى ئىپادىلىنىدۇ.

  خوتۇنى دائىم بالىسى ۋە ئېرىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىنى «ئورۇنلاشتۇرۇش» ياكى قارار قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىزدەپ، «ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىش» مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ناچار تەسىرى شۇكى، قارشى تەرەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا رازى بولسا ياخشى، قارشى تەرەپ قوبۇل قىلمىسا ياكى بۇ خىل «ئورۇنلاشتۇرۇش» قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى بولمىسا، توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ.

  بەدەل تۆلىگەن ئادەم تاپا-تەنىگە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونترول قىلىنغان تەرەپمۇ بارغانسېرى «ھېچنېمىگە يارىماس» بولۇپ قالىدۇ، مەسىلەن: مۇستەقىل بولمىغان بالا، ئائىلە ئىشلىرىغا قول تىقمايدىغان ئەر.

  ئەگەر كىشىلەر بۇ خىل بەدەل تۆلەش ۋە ئېھتىياجغا ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئۇنداقتا، بەدەل تۆلىگۈچى ھەمىشە «باشقىلارنى ئۆزىگە بەك قەرزدار»دەك ھېس قىلىدۇ، ئۇلاردىكى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

  مۇھەببەت ۋە ئېھتىياجقا قاراپ، خالىغان ئىشنى قىلىڭ

   بەدەل تۆلەش تىپىدىكى كىشىلەر ئالدى بىلەن نەزەرىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. بىزنىڭ تۇرمۇشتا مۇكەممەل بولۇۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىۋېلىشىمىزنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.

  1. ئۆز ئېھتىياجىنى ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سالامەتلىكىمىز ۋە كەيپىياتىمىزنى 1-ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىمىز خۇشال بولغان ئاساستا ئىش قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى ئانا بولغۇچىلار دائىم ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، ياخشى يېيەلمەيدۇ، بالىلىرىغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر جان-دىل بىلەن قىلالمىسا، ئاسانلا ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، چارچىغاندا سىرتتىن تاماق چاقىرسىمۇ بولىدۇ؛ ئېرى ئۆي ئىشىغا ياردەملەشكەندە، كالانپايلىق قىلسىمۇ، ئاستا-ئاستا ئۆگىتىۋالسا بولىدۇ. بالىلىرىنى ئەركىن قويۇپ بېرەلەيدىغان ئانىلار مۇستەقىل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بالىلارنى ئاسان يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، ئاندا-ساندا ھورۇنلۇق قىلىدىغان ئاياللار ئېرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە تېخىمۇ ئاسان ئېرىشەلەيدۇ.

  2. قارشى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئىش قىلىش.

  قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجى بولغان، قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىشقا پايدىلىق بولغان ئىشنى چوقۇم خاتىرجەم، يۈرەكلىك قىلىش كېرەك. ئۆيدىكىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، دەرھال ياردەم بېرىشىمىز ناتايىن. بىز قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرىشىمىز، ھەل قىلالماي ياردەم تەلەپ قىلسا ئاندىن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. 

  3. مۇھەببەت بىلەن ئىش قىلىش.

  بەزىلەر بەلكىم مەن باشقىلار ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشى مۇمكىن. لېكىن مۇھىمى باشقىلار ئۈچۈن قانداق كەيپىياتتا ئىش قىلىشتا. ئەگەر سىز راستلا ئۆزىڭىزنى بەدەل تۆلەشكە رازى دەپ قارىسىڭىز، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئارزۇ ياكى مەقسەتتە بولمىسىڭىزلا، قانغۇچە قىلىڭ. سىز مۇھەببەت بىلەن قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئىش قىلغاندا، «بەدەل تۆلەش»نى ھېس قىلالمايسىز، ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىدىغىنى ئۆزىڭىز، ئەگەر سىز خۇشال ھەم ئازادە بولسىڭىز، قوبۇل قىلغان ئادەممۇ بىر خىل خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش