دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بەك كۆپ ئۇخلاشمۇ ئۇيقۇ توسالغۇسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-12-28 18:36:37

    ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇش سالامەتلىككە پايدىلىق، بىراق سىز بىلەمسىز؟ كۆپ ئۇخلاشمۇ ئۇيقۇ توسالغۇسىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ قانچىلىك ئۇخلىسىمۇ ئۇيقۇغا قانمايدىغان، ئۇيقۇسى بۇرۇنقىدىن كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق ئۇيقۇ بۆلۈمى مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى لى يەن مۇنداق بىلدۈردى: ئۇيقۇ توسالغۇسى بەزىدە پەقەت سىرتقى قىياپەت بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە باشقا كېسەللىكلەر، مەسىلەن، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق روھىي پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن.

     نۇرغۇن ياشانغانلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزاق مۇددەت ياشىغان جايدىن ئايرىلىپ، يېڭى مۇھىتقا كەلگەندە، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماي، يېڭى تۇرمۇشقا سىڭىشىپ كېتەلمەيدۇ، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار، كۆچمە چىقىم قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارمۇ ياشانغانلارغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ياشانغانلاردا پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈزبېرىش ئەھۋالىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما ئۇخلاش مەسىلىسى ھەمىشە ئەڭ ئاۋۋال كۆرۈلىدۇ.

   ياشانغانلاردىكى ئۇيقۇ توسالغۇسى كۆپىنچە ئۇخلاش ۋاقتى قىسقىراش، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشتىن باشلىنىدۇ. لى يەن مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى توپتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇيقۇ توسالغۇسى بولۇشى مۇمكىن. بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناچار، جاپالىق ئىشلەيدىغان، ئۇيقۇسى تەرتىپلىك بولمىغانلارنىڭ ئۇيقۇسى تېخىمۇ ئاسان توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. دوختۇرخانىغا كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغانلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ھەمىشە ناھايىتى روشەن بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ئاغرىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ، ئۇيقۇ توسالغۇسىنى ئەمەلىيەتتە ئالدىن ئوڭشىغىلى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئۇيقۇ توسالغۇسى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيقۇغا قانمىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك».

 (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جوۋ جيېيىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چا گۈەنلىن، ياڭ لىڭلىڭ)

تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش