دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

پۇت ئىششىسا قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-24 18:16:59

   بىلىۋېلىڭ

   ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرۈنۈشكە تېگىشلىك پۇت ئىششىقى

   بەزى ئىچكى كېسەللىكلەردە پۇتى ئىششىيدۇ، ئىككى پۇتنىڭ ئىششىش دەرىجىسى ئاساسەن بىردەك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەم ئالغاندىن كېيىنمۇ كۆرۈنەرلىك يېنىكلىمەيدۇ. ئەگەر، پۇت ئىششىقى ئاساسىدا، ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى قوشۇلۇپ كەلسە، سۈيدۈكتە ماغزاپ بولسا ياكى بەدەن تەكشۈرتكەندە سۈيدۈكتە ئاقسىل بولسا، بۆرەك ئىقتىدارى بىنورمال بولسا، بۆرەك كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىدە داۋالىنىش كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، زۇكامدىن كېيىن ئىككى پۇتتا ئىششىق پەيدا بولغان ھەمدە قان ئارىلاش سىيىش ياكى ئاقسىل ئارىلاش سىيىش قوشۇلۇپ كەلگەن بالىلار ياكى ياش ـ ئۆسمۈرلەرنى چوقۇم ۋاقتىدا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈپ، ئۆتكۈر بۆرەك شارچىلىرى ياللۇغى بار ـ يوقلۇقىنى ئېنىقلاش كېرەك.

   ئەگەر، پۇتى ئىششىشقا يەنە يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان يېغى قوشۇلۇپ كەلسە، يەنە دېمى سىقىلىش، مەيدىسى بىئارام بولۇش، ھەتتا كېچىدە تۈز ياتالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈپ، يۈرەك زەئىپلىشىش بار ـ يوقلۇقىنى ئېنىقلىتىش كېرەك.

   ئەگەر، ئىششىق پۇت بىلەنلا چەكلەنمەي، پۈتۈن بەدەنلىك بولسا، بولۇپمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتسە، تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلىنى ئويلىشىش، تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ئىگىلەش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار بۆلۈملەردە دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

   ئەگەر، ئىششىغان پۇتتا باسقان جاي ئولتۇرۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە، توڭلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈز ـ كۆزى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش ئەھۋالىنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى ئويلىشىش، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.


   تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرۈنۈشكە تېگىشلىك پۇت ئىششىقى

   ئەگەر، تۇيۇقسىز بىر پۇتى ئىششىسا، ئۇنىڭغا ئاغرىش، كېسەللەنگەن پۇتنىڭ تېرىسى قىزىرىش، تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش قوشۇلۇپ كەلسە، پۇتنىڭ چوڭقۇر سوقماس تومۇرلىرىدا قان نۆكچىسى شەكىللىنىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش لازىم، يەنە پۇت تىلما كېسىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا دەرھال ئەتراپ قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.

  ئەگەر، پۇت ئۇزاق مۇددەت ئىششىسا، ھەرىكەتتىن كېيىن ئېغىرلىشىپ، ئارام ئېلىپ تۈز ياكى پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ياتقاندىن كېيىن يېنىكلىسە، بۇ ۋاقىتتىكى ئىششىقنى پۇت سوقماس تومۇر ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋالدىمۇ ئەتراپ قان تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.

   ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئەھۋاللار بولۇپ، يەنە بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللارمۇ بار. مەسىلەن، دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن پۇتتا ئىششىق پەيدا بولسا، دورا يېزىپ بەرگەن شۇ بۆلۈم دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

   كىلىنىكىدا پۇتى ئىششىغان بەزى ئاغرىقلاردا كېسەللىك سەۋەبى ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر ئوخشاش بىر كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەل كۆرسەتكەندە چوقۇم سەۋرچان بولۇپ، دوختۇرغا ماسلىشىش كېرەك، پەقەت كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندا، دوختۇر ئاندىن مۇۋاپىق داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ چىقالايدۇ.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش