دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

توك كۆرپە ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىڭ
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-24 18:11:58

توك كۆرپىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. سۈپەتسىز، لاياقەتنامىسى يوق، بىخەتەرلىك كاپالىتى بولمىغان توك كۆرپىنى ئىشلەتمەسلىك.

2. توك كۆرپىنى توكقا چاتقاندىن كېيىن، نورمالسىز ئەھۋال بار ـ يوقلۇقىنى كۆزىتىش.

3. توك كۆرپىنى توكقا چاتقاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق توك كېتىپ قالسا، توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش.

4. توك كۆرپىنى ئەڭ ياخشىسى ياغاچ كارىۋاتقا سېلىش ھەمدە كۆرپىنىڭ ئاستى ـ ئۈستىگە كىرلىك ياكى نېپىز كۆرپە سېلىپ قويۇش.

5. توك كۆرپىنى بوۋاق بالا ياكى ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارغا سېلىپ بەرگەندە پات - پات تۇتۇپ بېقىش.

6. ئەڭ ياخشىسى كۆرسەتمە چىرىغى ۋە قوغداش قۇرۇلمىسى بار توك كۆرپىنى ئىشلىتىش. 

توك كۆرپىگە ئوت كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

1. ئاۋۋال توكتىن ئايرىۋېتىپ ئاندىن سۇ چېچىش. دىققەت: توكتىن ئايرىۋەتمەي تۇرۇپ سۇ چېچىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

2. ھەرگىز ئۈستىدىكى كىرلىكنى تارتىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ھاۋا كىرىپ ئاسان ئوت ئالىدۇ.

 3. ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولمىسا، دەرھال 119 غا تېلېفون قىلىش كېرەك.

توك كۆرپە ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. توك كۆرپە ئىشلەتكەندە چوقۇم ئۈستىگە كىرلىك ياكى نېپىز كۆرپە سېلىش، ھەرگىز قاتلاپ قويماسلىق.

2. بەك ئۇزاق قىزىتماسلىق كېرەك، تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەۋەرسە، ئوت كېتىشى مۇمكىن.

 3. توك كۆرپىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بەش يىل بولۇپ، بۇ مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسە بىخەتەر بولمايدۇ.

 4. ئىشلەتمىگەندە چوقۇم توكتىن ئايرىۋېتىش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش