دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئاشخانا ئۆيدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-24 18:10:56

1. ئوچاققا ئوت قالىغاندا، قەتئىي بېنزىن، كىرسىن قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇق بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئوچاقنىڭ ئەتراپىغا ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويماسلىق لازىم.

2. مورىنى ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەر بىلەن تىرەپ قويماسلىق، مورىنىڭ مەش بىلەن تۇتاشقان جايى ياكى يېرىقىنى قەغەز، سولياۋ قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئەتمەسلىك كېرەك.

3. ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىرىۋەتكەن كۈلگە سۇ قۇيۇپ، قالدۇق چوغلارنى تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىش لازىم.

4. ئاشخانا ئۆيگە ئوتۇن دۆۋىلەپ قويماسلىق، ئەگەر قويۇشقا توغرا كەلسە، مەش، مورىدىن يىراق قويۇش كېرەك.

5. تاماق ئېتىۋاتقاندا ئاشخانا ئۆيدىن ئىمكانقەدەر ئايرىلماسلىق، ئايرىلىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم توك، ئوت، گاز قاتارلىقلارنى ئېتىۋېتىش، ئاشخانا ئۆيگە ئەڭ ياخشىسى ئوت ئۆچۈرگۈچ سەپلەش كېرەك. قازانغا ئوت كەتكەندە ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى دەرھال تۇۋاقنى يېپىش (تۇۋاقنى ئۆزىڭىز تەرەپتىن قازاننىڭ گىرۋىكى يۆنىلىشىگە قارىتىپ يېپىڭ). ئەگەر، گاز ئوچاق بولسا، دەرھال گاز كىلاپانىنى ئېتىپ ئوتنى مەنبەسىدىن ئۆچۈرۈش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش