ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يول ماڭغاندا قەدەم ئېلىشى تېز بولسا، ئادەم تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-12-18 16:52:26

 يېقىندا، ئامېرىكا نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاستا ماڭىدىغانلار ئاسان قېرىيدىكەن. يېقىندا، گېرمانىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمى تېز ياشلارنىڭ مېڭىسى تېخىمۇ ئۆتكۈر كېلىدىكەن.

  ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دەسلەپكى بەدەن ساپاسى بىلەن چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، گېرمانىيە مۇنستېر داشۆسىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش بولغان 1206 پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىككى مىنۇت ماڭدۇرغان. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار پىدائىيلارنىڭ مېڭىسىدىن رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، چەبدەسلىكى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە خۇلاسىلەش ئىقتىدارى قاتارلىق بىلىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى تەكشۈرگەن. تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەن سالامەتلىكى ياخشى ئەھۋالدا، سىناققا قاتناشقۇچىلار ئىككى مىنۇت ئىچىدە قانچە يىراققا ماڭالىسا (قەدىمى شۇنچە تېز بولسا)، چوڭ مېڭىنىڭ ئاق ماددا قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى شۇنچە ياخشى، ئەستە ساقلاش قاتارلىق بىلىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولغان.

    مۇنستېر داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور جوناسان مۇنداق دېدى: پىيادە مېڭىش لىمفا ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ساپاسىنىڭ يوشۇرۇن تەسىرى چوڭ مېڭە ساغلاملىقى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ ئاڭلىق ھالدا تەربىيەلەپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرگىلى، ئۇلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلغىلى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش