ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

دىيابېت كېسىلىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-09-19 17:42:06

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دىبابېت كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

 بىرىنچى، ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش

ئىككىنچى، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكتىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش

ئۈچىنچى، ئۇزۇن مۇددەت تىنچ ئولتۇرۇشتەك ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن ساقلىنىش

تۆتىنچى، ئىرسىيەت ئامىلى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئامىل، جەمەت ئىرسىيەت تارىخى بار بىمارلارغا قان قەنتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەت تىنچ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

دىيابېت كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

تولىمۇ ئەپسۇس، دىيابېت كېسىلى ئۆمۈرلۈك كېسەللىك، ھازىرغىچە يىلتىزىدىن داۋالايدىغان ئامال يوق، لېكىن دىيابېت كېسىلىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەگەر ياخشى تىزگىنلەنسە، ئەمەلىيەتتە سالامەتلىكى نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، مۇھىمى ئىلمىي داۋالاش ۋە ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشتا، شۇڭا  مەخپىي رېتسىپ، زور ئىلمىي بايقاش ياكى دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك كېرەك.

تۆۋەندىكى بىر نەچچە كىچىك ساۋاتنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:

بىرىنچى، دىيابېت كېسىلىنى چوقۇم بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك.

ئىككىنچى، دىيابىت كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم مۇۋاپىق بولغان ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق داۋالىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش