ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ھامىلىدار ئاياللار ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ھامىلىنىڭ مېڭىسى ياخشى يېتىلىدىكەن
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-09-19 17:41:06

ئامېرىكا برايگېن ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرگەن ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە قان مىقدارى تېخىمۇ كۆپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

تەتقىقاتتا ھامىلە 24 ھەپتىدىن 40 ھەپتىگىچە بولغان بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشى ئاستا دەپ دىياگنوز قويۇلغان 78 نەپەر ھامىلدار تاللانغان. بۇ ئاياللار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، بىر گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر ھەر كۈنى سەككىز ئۇنسىيە (تەخمىنەن 227 گىرام) ئانار شەربىتى ئىچكەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تەم ۋە ئېنىرگىيە مىقدارى ماسلاشتۇرۇلغان، ئەمما كۆپ پولىفېنول قوشۇلمىغان «بەزلەش» دورىسى ئىچكەن. تەتقىقات ئۆمىكى ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە زەخىملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانار شەربىتى ئىچكەندە، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. پولىفېنول بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئانار، قىزىل ھاراق ۋە چاي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدىكەن. پولىفېنول قان مېڭە توسۇقىدىن ئۆتەلەيدىكەن ھەمدە ھايۋانات مودېلى تەتقىقاتىدا نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە قارىتا ياخشىلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغان ئىكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش