دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قىش پەسلىدىكى ئېسىل يېمەكلىك كۈزلۈك چىلان ۋە كاشتان
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-12-03 19:04:30

  «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا خاتىرىلىنىشىچە: چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، زەھەرسىز بولۇپ، تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، شۇڭا، چىلان دورىلىق، ساقلىقنى ساقلاش، ئىستېمال قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولغاچقا، مېۋىلەر ئىچىدىكى قىممەتلىك بۇيۇمغا ئايلانغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا چىلاننى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، كۈزلۈك چىلاننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بار بولۇپ، 100 گىرام يېڭى كۈزلۈك چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 300 مىللىگىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ، بۇ، ئاپېلسىننىڭ تەخمىنەن 10 ھەسسىسىگە، نەشپۈتنىڭ 50 ھەسسىسىگە، ئالمىنىڭ 70 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىر تال يېڭى كۈزلۈك چىلاننىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 15 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، يېيىشكە بولىدىغان قىسمى %87نى ئىگىلەيدۇ، ئۈچ تال يېڭى كۈزلۈك چىلان بەدەننى تەخمىنەن 100 مىللىگىرام ۋىتامىن C بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان VC قوبۇل قىلىش مىقدارى كۈنىگە 100 مىللىگىرام بولىدۇ. 

   كۈزلۈك چىلاننىڭ پاسسىپ روللىرىمۇ بار، ئەڭ ئاۋۋال، كۈزلۈك چىلاننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن ئەمەس، ئەگەر كۈزلۈك چىلاننى مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى كۈنىگە 100 گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، نورمال چوڭلۇقتا تەخمىنەن 6 - 7 تال ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قان شېكىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك؛ ئاندىن، كۈزلۈك چىلاندىكى يېمەكلىك تالالىرىنىڭ مىقدارى باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋىلەر(ئۈزۈم، ئالما قاتارلىقلار)نىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا قورساق كۆپۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يولى بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاخىرىدا، كۈزلۈك چىلاننىڭ پوستى چۈرۈك ھەم نېپىز بولۇپ، چاينىغاندا پۈتۈنلەي چايناش ناھايىتى تەس، كۆپ ھاللاردا ئۆتكۈر مېۋە پوستى (ياكى مېۋە يادروسى) ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىپ، ئاسانلا ئاشقازاندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئاغرىش ياكى بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

   كاشتانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر سىقىم كاشتان(چوڭراق بولغاندا تەخمىنەن 10 تال ئەتراپىدا، يېگىلى بولىدىغان قىسمى 110 گىرام ئەتراپىدا)نىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن كاربون سۈيى تەخمىنەن بىر قاچا 200 گىرام كېلىدىغان پىششىق گۈرۈچ تامىقىنىڭكى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. كاشتان تەركىبىدىكى ئاقسىل، ياغنىڭ مىقدارى گۈرۈچ تامىقىدىن سەل يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەيدىغان بىر قەدەر كۆپ تۆۋەن پولىساخارىد ۋە تاقابىلچان كىراخمال بار بولغاچقا، GI كۆرسەتكۈچى (قەنت ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى) گۈرۈچ تامىقىدىن تۆۋەن. بىر تەرەپتىن، بۇ سۈمۈرۈلمەيدىغان يېمەكلىك تالالىرى ئادەمنىڭ قورسىقىنى ئاسانلا كۆپتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئاز يېيىشى، بولۇپمۇ خام كاشتان يېيىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، ئامال بار ئىسسىق، پىشقان كاشتان يېيىشى كېرەك.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش